يېقىندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايىدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى كۈچكە ئىگە مۇددىتى 20 يىل بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنىڭ مۇددىتى كەينى- كەينىدىن توشىدىغانلىقى، كىملىك ئالماشتۇرۇش يۇقىرى پەللە مەزگىلى كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى. قانداق قىلغاندا يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە تاقاشتۇرماي كىملىك ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ «تاكتىكا»نى تاپشۇرۇۋېلىڭ.
ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنى قاچان ئالماشتۇرۇش كېرەك؟
ئاھالىلەر كىملىكىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئالماشتۇرسا بولىدۇ، قىسمەن ئۆلكىلەر ئالماشتۇرۇش مۇددىتىنى تەڭشەپ، كەڭ قويۇۋەتتى، يەنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرىكى ئالتە ئاي ئىچىدە كىملىك ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
كىملىك بېجىرىش ۋاقتى كۆپىنچە 10 خىزمەت كۈنىدىن 25 خىزمەت كۈنىگىچە بولغاچقا، كىملىك ئالماشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاھالىلەر ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىملىكنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن بىر- ئىككى ئاي بۇرۇن ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
كىملىكنى قانداق ئىلتىماس قىلىدۇ؟
كىملىك كەسپىنى ھازىر «پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايدا تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىمۇ ئەسلىدىكى كىملىكىنى ئېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى گۇڭئەن ساقچىخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزنىكىگە بېرىپ، ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
نۇرغۇن جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنى يەنە توردا بېجىرىش ۋە ئاپتوماتىك مۇلازىمەتنى يولغا قويدى. مەسىلەن، شاڭخەي ئاھالىلىرى «سۈيشېنبەن» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق توردا بېجىرسە بولىدۇ. جېجياڭ ئاھالىلىرى «جېلىبەن» ئەپ دېتالىدا پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياكى ئېھتىياجى بار ئاھالىلەرگە قارىتا، بېيجىڭ گۇڭئەن ئىدارىسى ئالدىن كېلىشىپ «ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بېجىرىش»، «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بېجىرىش» مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يولغا قويدى.
كىملىك سۈرىتىگە چۈشۈشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
كىملىكنى ئالماشتۇرغاندىمۇ قايتىدىن سۈرەتكە چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ، كىملىك سۈرىتى ئۇدۇلدىن تارتىلغان، يالاڭباش چۈشكەن رەڭلىك سۈرەت بولۇشى كېرەك.
كىملىك سۈرىتىگە چۈشۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
فورما كىيىم كىيمەسلىك، ياقىسى بويۇننى توسۇۋالىدىغان كىيىم كىيمەسلىك كېرەك، قېنىق رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بولىدۇ (لېكىن ئاق قاتارلىق سۇس رەڭلىك كىيىم كىيىشكە بولمايدۇ)؛
دائىم كۆزئەينەك تاقايدىغان ئاھالىلەر كۆزئەينەك تاقىشى كېرەك؛
قېنىق گىرىم قىلىشقا، چاچ بوياشقا بولمايدۇ؛
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە ھۆرمەت قىلغاندىن باشقا، ئەرلەر قويۇق ساقال قويۇشقا بولمايدۇ؛
باش كىيىم كىيمەسلىك، زىننەت بۇيۇمى تاقىماسلىق كېرەك؛
سۈرەتكە چۈشكەندە ئەڭ ياخشىسى قۇلاق، قاش كۆرۈنۈشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)