بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا يۈك تىرانسپورتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 13ى ئېچىلىپ، ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىنغان يۈكنىڭ مىقدارى 25 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %540 ئاشتى.
خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئايروپورت تاموژنىسى دېيىلىدۇ) ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، «24 × 7 سائەت ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش»، «كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش» قاتارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىكى قولايلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى نۇقتىلىق شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئايروپورت تاموژنىسى «بىر پونكىت شەكلى»دىكى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قوللىنىپ، ھەربىر ئاپتوموبىلغا قارىتا تالون تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، باج ئېلىش، ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرىكى چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، تاموژنا تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىشنى باسقۇچقا بۆلۈپ باشقۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەشيا ئوبوروتى مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالدى.
شىنجاڭ چاڭيىخېڭ تەمىنلەش زەنجىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تاشقى سودا مەسئۇلى ما لېي مۇنداق دېدى: بۇ قولايلىق تەدبىرلەر شىركىتىمىزنىڭ يۈك تىرانسپورت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، يۈكنىڭ مەنزىلگە تېخىمۇ تېز يەتكۈزۈلۈشىگە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا يەنە تىجارەت تەننەرخىمىزنىمۇ خېلى تۆۋەنلەتتى، بۇ شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەل بازارلىرىنى سىجىل ئېچىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
ئايروپورت تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ بېيجىڭ مۇنداق دېدى: «بىز كارخانىلارغا قارىتا ئىناۋەتنى پەرقلەندۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىگە ئاساسەن كارخانىلارغا ئوخشاش بولمىغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىقى يارىتىپ بەردۇق، ئىناۋىتى ياخشى كارخانىلار ئالدىن تەكشۈرۈش، تېز سۈرئەتتە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولدى، بۇ كارخانىلارنى سەمىمىي تىجارەت قىلىشقا ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە يۈكنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتىنىمۇ تېزلەتتى. ئايروپورت تاموژنىسى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاۋىياتسىيە پورتىدا جىددىي كۆپەيگەن يۈك تىرانسپورتىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشقا ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىپ، ئايروپورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ». (مۇخبىر لى نىڭيەن)