ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ) 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى تۈرى ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىردى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزگىچە كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، مۇزىكىغا ئەگىشىپ يېنىك ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى جەي ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ بۇنداق چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، كوماندا ئەزالىرى مەيداندا ناھايىتى كۈچەپ، ئالتە مىللەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. «ئەمدى بىز ھەرىكەت سالمىقىنى ۋە سەپ شەكلىنىڭ رەتلىك بولۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە تىرىشىمىز»، دېدى جەي ۋېي.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مەيدانغا كىرمەكتە.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىدە.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىدە.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، تاماشىبىنلار چۇقان سېلىپ تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بەرمەكتە.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنجاڭ مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىدە.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، تاماشىبىن مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى مۇسابىقىسىنى سىنغا ئالماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)