ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى ئامانلىق باشقۇرۇش باش ئەترىتى مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى: گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسىنى يىللىق مەلۇم قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0دىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى سائەت 24كىچە نوپۇس كەسپىنى بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ (ۋېيشىندىكى «شىنجاڭ گۇڭئەن مىكرو ساقچى ئىشلىرى» كىچىك پىروگراممىسىدىكى نوپۇس كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). يېقىندا نوپۇس كەسپىنى بېجىرىدىغانلار بولسا، ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نوپۇس كەسپى بېجىرىش زالىغا ئالدىن بېرىپ مەسلىھەت سوراپ بېجىرسە ياكى ۋېيشىندىكى «شىنجاڭ گۇڭئەن مىكرو ساقچى ئىشلىرى» كىچىك پىروگراممىسىدا ئىلتىماس سۇنۇپ، بېجىرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)