قار- مۇز ئىللىق قار «چۆچىكى»گە ئايلاندۇرۇلدى، بۇرچىندا قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى
15:32:28 2024-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ شياۋبىڭ

بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسىغا جايلاشقان جىكبېلېڭ خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا بۇچاڭغا تېيىلىشنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، «چۆچەك»لەردىكىدەك بۇرچىننىڭ قىشلىق ساياھىتى رەسمىي باشلاندى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بەس- بەستە كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ، قار- مۇز دۇنياسىنى سەيلە قىلدى.

11- ئاينىڭ 20- كۈنى، بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ رۇيخۇا مۇنداق دېدى: «قىشلىق قار- مۇز ساياھىتىنى چۆرىدەپ، بىز گۈلخان كېچىلىكى، ئەدەبىيات- سەنئەت كۆرىكى، قارلىق دالىدا موتوسىكلىت بىلەن چېپىش، قار ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ، كېلەر يىلى يۈەنشياۋ بايرىمىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىدۇق. مول ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، قار- مۇزلارنى ئىللىق قارغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تۇتۇپ قېلىپ، ياخشى ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز!».

جازا ياساش، قار دۆۋىلەش، مۇز توشۇش، سىلىقلاش، ئويۇش ... بۇ مەزگىلدە بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىدا قار ھەيكەلتىراشلىقى، مۇز ئويمىچىلىقى قىزغىن ئىشلىنىۋاتاتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى مەۋقەنى ناھىيەنىڭ ساياھەت بايلىقىغا قويۇپ، دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ ئەۋزەل شارائىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى قىشلىق ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، كۈتۈۋېلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قار- مۇز ساياھىتى بازىرىنىڭ تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

«ياخشىمۇسىز، قۇمقاناس مەنزىرە رايونىغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز». «ياخشىمۇسىز، مەسلىھەت سورايدىغان ئىشىڭىز بارمۇ؟...» 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، قۇمقاناس مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسلىھەت سوراش سۇپىسىدا، پىدائىيلار سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىك بىلەن ساياھەتچىلەرنى ئويۇن تونۇشتۇرۇش، مەدەنىي يېتەكلەش، مەسلىھەت سوراش، ياردەم سوراش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

پىدائىي بۇرچىن ناھىيەسى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قۇمقاناس كەنتىدە ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا. سۈرەتنى بۇرچىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى تەمىنلىگەن

ساياھەت مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل، بۇرچىن ناھىيەسى 30 نەچچە پارتىيەلىك كادىرنى تاللاپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، مەنزىرە رايونلىرىغا كىرىپ ساياھەتچىلەرگە يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلىشقا ئەۋەتتى ھەم ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، ئىسسىق سۇ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەييارلاپ، «ئىللىقلىققا تولغان» ساياھەت مەنزىلىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «توردا + تور سىرتىدا» شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى ئازادىلىك دەرىجىسى، ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇردى. ھازىر بۇرچىن ناھىيەسىدە بۇنداق پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىن ئۈچى قۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە ئاممىغا 1260 قېتىمدىن ئارتۇق مەسلىھەت بېرىلىپ، 110دىن ئارتۇق قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى.

قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قىشلىق ساياھەت شۇ جاينىڭ يېمەك- ئىچمەك، ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇرچىن ناھىيەسى قىشلىق ساياھەت كۆزنەك مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى لىنىيەسى بويىدىكى ھەر قايسى يېزا- بازارلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشكىللىدى.

بىر ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارىتى قىلىدىغان قۇمقاناس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مىرانبېك خالخېنىڭ بۇ بىر نەچچە كۈندە ئالدىراشلىقتا پۇتى يەرگە تەگمەي قالدى. «ھازىر كۈنىگە 200دەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمىز، ياتاق، تاماق زاكازى كېلەر يىلى باھار بايرىمىغىچە تىزىلىپ بولدى».

تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ساياھەتچىلىك تامىقى يېيىش، ساياھەتچىلىكتىن پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى مېھمانساراي باشقۇرۇش، ئاشپەزلىك، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە 7600 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەپ، 1600دىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قار- مۇز بايلىقى ئەۋزەللىكىگە زىچ تايىنىپ، قار- مۇز خاسلىقىنى نامايان قىلىپ، قار- مۇز ساياھەت ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى ۋە ئۆزگىچە لىنىيەلەرنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە قىشلىق قار- مۇز زىياپىتى بېرىپ، يۇرتداشلارنى بەختكە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمىز»، دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋۇ لېي.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125