بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا كەسپى كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىدى، ئالدىنقى 10 ئايدا، تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ۋە كەسىپ كىرىمىدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان پوچتا كەسپىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئورۇندالغان پوچتا ساھەسىنىڭ يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 332 مىليون 404 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 222 مىليون 284 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.1 ئاشقان. پۈتۈن شەھەر بويىچە پوچتا ساھەسىنىڭ كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 3 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمى جەمئىي 3 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.7 ئاشقان.