[دېلو ئەھۋالى]
شى x مەلۇم قىسقا سىن سۇپىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىن 3500 يۈەنگە بىر كۈمۈش بۇيۇم سېتىۋالغان، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شى x كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراپ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ كۈمۈش بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلگەن. شى x سېتىۋالغان تالوننى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۈمۈش ئىكەنلىكىنى باھالىغان دوكلاتنىڭ قوشۇمچە ئېلېكتىرونلۇق ھۆججىتى يوقلۇقىنى بايقىغان. شى x بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى رىياسەتچى يۈەن x بۇ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرغاندا 925 كۈمۈش دەپ ساتقان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن ئىستېمال ئالدامچىلىقى شەكىللىنىدۇ، دەپ قاراپ، 2024- يىلى 4- ئايدا يۈەن x ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.
[قانۇن ماددىسى]
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 620- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، پۈتۈشكەن تەكشۈرۈش مۆھلىتى ئىچىدە تەكشۈرۈشى كېرەك. تەكشۈرۈش مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەكشۈرۈشى كېرەك.
621- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: توختاملاشقۇچىلار تەكشۈرۈش مۆھلىتىنى پۈتۈشكەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋالنى تەكشۈرۈش مۆھلىتى ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىسا، نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ.
توختاملاشقۇچىلار تەكشۈرۈش مۆھلىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، سېتىۋالغۇچى نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى سەزگەن ياكى سېزىشكە تېگىشلىك بولغان مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ساتقۇچىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىغا مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئۇقتۇرۇش ياكى نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 2 يىل ئىچىدە ئۇقتۇرمىسا، نىشان نەرسىنىڭ مىقدارى ياكى سۈپىتى پۈتۈمگە ئۇيغۇن، دەپ قارىلىدۇ؛ لېكىن نىشان نەرسىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۆھلىتى بار بولسا، سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تەتبىقلىنىدۇ، 2 يىل توغرىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
ساتقۇچى ئۆزى بەرگەن نىشان نەرسىنىڭ پۈتۈمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولسا، سېتىۋالغۇچى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۇقتۇرۇش ۋاقتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
[قاراش]
«ئىستېمالچىلارنى ئالداش قىلمىشى تىجارەتچىلەر تاۋار ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، ساختا ياكى ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىستېمالچىلارنى ئالداپ، خاتا يېتەكلەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ». قاراماي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوتى 2- سوت كوللېگىيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى يې نەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شى x تاۋارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاۋار سودىسى ئەھۋالىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. لېكىن شى x مالنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە يۈەن x ھەم مەلۇم ئۈنچە- مەرۋايىت سودا سارىيىغا ھېچقانداق باشقىچە پىكرىنى ئۇقتۇرمىغان، مەلۇم قىسقا سىن سۇپىسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتى ياكى ساتقۇچى تەرەپكە ئەرز قىلمىغان، بۇ، ئۇنىڭ سېتىۋالغان مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
يې نەن مۇنداق دېدى: بۇ دېلودا، يۈەن x ھەم مەلۇم ئۈنچە- مەرۋايىت سودا سارىيى تەمىنلىگەن سۈپەت تەكشۈرۈشى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئالدىن تەسىس قىلىش تەرتىپىگە ئۇيغۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شى x سېتىۋالغان كۈمۈش بۇيۇملاردا ئوبيېكتىپ ئالدامچىلىق قىلمىشى ۋە سۇبيېكتىپ ئالدامچىلىق قەستەنلىكى بارلىقىنى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاپ بېرەلمىدى. 2- سوت مەھكىمىسى شى xنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپىنى رەت قىلدى.
سوتچى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىن مەھسۇلات سېتىۋالغاندا، ئىستېمالچىلار ئاقىلانە ئىش كۆرۈپ، رىياسەتچىنىڭ تاۋارنى چۈشەندۈرۈشى بىلەن تاۋارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋاللىرىنىڭ بىردەك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، زاكاز چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىن كۆرۈنۈشى، تاۋارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى بېتىنىڭ كەسمە سۈرىتى قاتارلىقلار دەلىل- ئىسپاتلارنى ئوبدان ساقلاپ، تالاش- تارتىش يۈز بەرگەندە ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئاخىرىدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، مالدا چۈشەندۈرۈشى بىلەن ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋالنىڭ بار- يوقلۇقىنى بېكىتىشى، ئەگەر مەسىلە بولسا ۋاقتىدا مەھسۇلاتنىڭ دەلىل- ئىسپاتىنى ياخشى ساقلىشى ھەمدە مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئارقىلىق كېڭىشىپ ھەل قىلىشى، ئەگەر كېلىشەلمىسە قانۇن بويىچە ھوقۇقىنى قوغدىشى كېرەك. ( ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن رەتلىگەن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)