كۈمۈش ئۆرۈكنىڭ گەرچە بەلگىلىك دورىلىق قىممىتى بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتە ئۇنىڭ قاندىكى ماينى ھەم قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىلمىي ئاساس يوق.
بىرىنچىدىن، كۈمۈش ئۆرۈكتە مەلۇم مىقداردا زەھەرلىك تەركىبلەر، مەسىلەن، كۈمۈش ئۆرۈك كىسلاتاسى، ھىدروگېنلاشقان كۈمۈش ئۆرۈك كىسلاتاسى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بار بولۇپ، ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا زەھەرلىنىش رېئاكسىيەسى پەيدا قىلىپ، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، كۈمۈش ئۆرۈككە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ماي ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش تەتقىقاتلىرى، ئاساسلىقى، كۈمۈش ئۆرۈككە ئەمەس، بەلكى يىنشىڭ دەرىخى يوپۇرمىقىدىن ئايرىۋېلىنغان ماددىغا مەركەزلەشكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ ساندىكى تەتقىقاتلاردا «ئۈنۈمى يوق» دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.
يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى ئۇزاق مۇددەت باشقۇرۇش ۋە داۋالاشقا تېگىشلىك سوزۇلما كېسەللىك بولۇپ، كۈمۈش ئۆرۈكنى يەپ بىۋاسىتە داۋالىغىلى بولمايدۇ ھەم ساقايتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، كۈمۈش ئۆرۈك قاندىكى ماينى ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دېگەن قاراشقا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىك كېرەك، ئەگەر قاندىكى ماي، قان بېسىمىدا مەسىلە بولسا، دوختۇرنىڭ تەكلىپىگە ئەمەل قىلىپ داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)