ۋۇ پېڭچېڭ
ئون نەچچە يىللىق ئۆزگىرىشتە، ئەتراپتىكى كىچىك دۇكانلار ئارقا- ئارقىدىن ئالماشتى، قويۇق سودا پۇرىقى ھەممە يەرنى قاپلىدى، مانتىخانا خۇددى ياشىنىپ قالغان بوۋايغا ئوخشاش، يەنىلا تەنھا ھالدا ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇنياسىدىكى بىر قاچا تۇرمۇش پۇرىقىنى قوغداپ كەلدى. سۆلەتلىك بېزەكلىرى يوق، ئالىي دەرىجىلىك باھا جەدۋىلى يوق، پەقەت ئاددىي، ئەمما پاكىز ئۈستەل يۈزىلا بار ئىدى.
تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە، لوبەن ئۆڭۈپ كەتكەن، ئەمما ئاددىي، رەتلىك پەرتۇقىنى تاقاپ، قوڭۇر رەڭلىك يەڭلىكىنى تارتىپ، ئەسنەپ تۇرۇپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى. ئورۇندۇق غىچىرلاپ تۇراتتى، لوبەننىڭ خوتۇنى ئۆيدە كىچىك قاسقان مانتىسىنى ئەپچىللىك بىلەن تۈگۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ نوغۇچتا جىلتا ئېچىۋاتقان، قىيمىنى سېلىپ مانتىنى تۈگۈۋاتقان بارماقلىرى خۇددى ياخشى مەشىق قىلغان ئەسكەرگە ئوخشايتتى، بىر مانتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنياغا كېلەتتى. لوبەن سىرتتىكى قاسقان بىلەن ئالدىراش ئىدى، كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ھور بۇ تىنچ، ئىناق كۆرۈنۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ناماياندىسى ئىدى.
سائەت يەتتىدە، ئۇنىڭ ئالدىراشلىقتىن جىددىيلەشكەن يۈزىگە سەمىمىي تەبەسسۇم يۈگۈرەتتى. ئاياغ تىۋىشلىرى ئۇزۇن كوچىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى، ناشتىلىقنىڭ مەززىلىك ھىدى ئىشتىھانى غىدىقلايتتى. «مانتىدىن بىر قاسقان!» «لوبەن، ماڭا بىر چىنە ئۇماچ، خاسىڭنى جىقراق سېلىۋېتەرسىز!» كىشىلەر تىقما- تىقما بولۇپ دۇكاننى چىڭ ئورىۋالاتتى، لوبەن ھودۇقۇپ كەتمەي، چەبدەسلىك بىلەن ناشتىلىق تەييارلايتتى. ئالدىراش بولسىمۇ، ھەر قېتىم تاماقنى مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇنۇپ بەرگەندە، ئۇ ھەمىشە بېشىنى سەلگىنە ئېگىپ كۈلۈمسىرەيتتى، يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن جاۋغايلىرى چىرايلىق ياي ھاسىل قىلىپ، تۆت- بەش تال چىشى كۆرۈنۈپ قالاتتى، قاش- كۆزلىرى بۇرۇنقىدەكلا ئېگىلىپ تۇراتتى. ئىسسىق ناشتىلىق، سەمىمىي تەبەسسۇم قەلبلەرگە سىڭىپ كېتەتتى.
مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغىنى ھامىنى ئاق كۆڭۈللۈك ئىدى. بىر قېتىم، مەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ناشتىلىقىنى بۇيرۇتۇپ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇم، پۇل تۆلىمەكچى بولغىنىمدا، يان تېلېفونۇمنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى، يېنىمدا نەق پۇل يوقلۇقىنى بايقىدىم. دەماللىققا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي، تېپىرلاپ كەتتىم، ھەممە يانچۇقۇمنى سىپاشتۇرۇپ چىقتىم، يۈزۈم ئوتتەك قىزىپ كەتتى. لوبەن مېنىڭ ئۆمسە ھالىتىمنى سەزگەندەك قىلىپ: «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. مەن لوبەنگە يان تېلېفونۇمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم، لوبەن: «ھەممىمىز يېقىن ئەتراپتا بارغۇ، كېلەر قېتىم تولۇقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ»، دېدى. مەن ئېسەنگىرەپ قالدىم، بىر خىل ئىللىق ئېقىم قەلبىمنى چۇلغىۋالدى.
ئۇ ئاددىي كىشىلىك دۇنيادىن ئىز بېسىپ كەلدى، گەرچە ئۇنىڭ يەڭگىل گەۋدىسى بولمىسىمۇ، خۇددى ئاستا- ئاستا ئۆرلەۋاتقان كۆك تۈتۈندەك ئىدى؛ گەرچە تۆت ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان تالانتى بولمىسىمۇ، خۇددى ئاشۇ قىزىق قۇياش نۇرىغا ئوخشايتتى؛ گەرچە چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان تاشقى قىياپىتى بولمىسىمۇ، خۇددى بىر نەچچە تۈپ ياۋا ئوت- چۆپكە ئوخشايتتى. ئۇ كۆك تۈتەكتەك ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاق كۆڭۈللۈكى، قۇياش نۇرىدەك ئىللىق تەبەسسۇمى، ئوت- چۆپتەك ئۈن- تىنسىز بەرداشلىقى بىلەن، قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ يۇرتى توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، بۇ دۇنيادىكى ساپ تۇرمۇش پۇرىقىنى نامايان قىلدى.
«ئاپا، نېمىشقا ياندىكى دۇكانلار تاقىلىپ قالىدۇ، مانتىخانا تېخىچە بار؟»
مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى سوئالىمغا شۇ تاپتا جاۋاب تېپىلدى. ئۇ جاۋاب، كىشىلەر ئارىسىدىكى تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا، سانسىزلىغان ئۇششاق- چۈششەك ئىللىقلىق ئىچىدە، خۇددى قاراڭغۇ كېچىدىكى يۇلتۇزلارغا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى.
ھەپتە ئاخىرىدا، مەن كىچىك قاسقان مانتىسى يېگەچ، تار كوچىدا ماڭدىم. ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قانداق قىلىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى، ئاق كۆڭۈل قەلب، ئاددىي- ساددا نام بىلەن مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان تەبەسسۇم ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى تۇرمۇش پۇرىقىنى جۇڭگو زېمىنىغا چېچىشنى ئۆگىنىۋالدىم.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى چېڭخې كانچىلىق ماددىي ئەشيا تەمىنات- سودا شۆبە شىركىتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)