11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى شياۋتۇن كەنتىدىكى كەڭ ئېتىزنىڭ چېتىدە، دائىم بىرنەچچە زېرەك، ئوماق تۈلكىنىڭ ئۇياقتىن- بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرگىنىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
تەبىئەت دۇنياسىدىكى چەبدەس گۆشخور ئوۋچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈلكە بۇ تۇپراقتا چاشقان ئاپىتىنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا كۈچ قوشۇپلا قالماي، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى زىرائەتلەرنىمۇ قوغدىماقتا.
(گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن گاۋ لىجۈەن، چېن خۇڭچاۋ)