يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرى قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشتى.
11- ئاينىڭ 19- كۈنى، مۇخبىر قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسم سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان ئاپتوموبىل بازىرىدىن ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىردەك ئاشقان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇ قېتىمقى سىياسەتنىڭ پايدىسىدا ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان.
چاڭئەن چىيۈەن 4S دۇكىنىدا، ساتقۇچى خادىملار ئىستېمالچىلارغا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىقتىدارى ۋە دۆلەت، ئاپتونۇم رايوننىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى تونۇشتۇردى. شەھەر ئاھالىسى يەن گې مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا دۆلەت 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما بېرىدىكەن، مەن ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتاتتىم، 4S دۇكىنىدا كۆرگەندىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ياردەم تولۇقلىمىسىنى ھېسابلىغاندا ناھايىتى ئەرزان توختايدىكەن.
چاڭئەن چىيۈەن 4S دۇكىنىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شىشيا مۇخبىرغا دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئويناپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى قاتلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم تولۇقلىمىسى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئىستېمالچىلار دۇكانغا كىرىشى بىلەنلا، سېتىش خادىملىرىمىز ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى دەل جايىدا تەشۋىق قىلىدۇ.
چاڭچېڭ خافۇ 4S دۇكىنىدا، ئىستېمالچىلار ئاپتوموبىل كۆرگەندە، كۆپىنچىسى ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن- ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈردى، ئېنىق جاۋابقا ئېرىشكەندىن كېيىن، خۇشاللىق بىلەن ئاپتوموبىل سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دۇكاننىڭ دىرېكتورى جۇ يابىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئاپتوموبىل سېتىش جانلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، زاكاز قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى، پەقەت ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى.
مۇخبىر بىر قىسىم داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «دۆلەت ياردەم تولۇقلىمىسى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى ئاساسىدا، يەنە زاۋۇت ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە دۇكان ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتكەنلىكىنى بايقىدى. جىلى ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنى ئىستېمالچىلارغا «ئالتۇن تۇخۇم چېقىش»، مۇكاپاتلىق چەك تارتىپ سوۋغات بۇيۇمى بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، خېرىدارلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى، سېتىش سودىگەرلىرىمۇ تېخىمۇ ياخشى سېتىلىش مىقدارىنى ئىشقا ئاشۇردى.
قومۇل شەھەرلىك ئاپتوموبىل جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لى جېنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 10- ئايدا ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قومۇلدىكى ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن %30تىن كۆپرەك ئاشتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى %40تىن كۆپرەك ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 4- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىنغان ئاپتوموبىل جەمئىي 779غا يەتكەن؛ 9- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن ھازىرغىچە، شەھەر بويىچە ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش- يېڭىلاش ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىنغان ئاپتوموبىل جەمئىي 1058گە يەتكەن. نۆۋەتتىكى، تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسەتلىرى بۇ يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (مۇخبىرلار ما جىجۈەن، يۈ بىن)