بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)غا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)دا نەشر بۇيۇملارنىڭ نەشر قىلىنىشى، تارقىتىلىشى، مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)غا كېلىپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى ۋە تاراتقۇلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراقنى كۆتۈرۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش بۇرچ- ۋەزىپىسىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشى، قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
ما شىڭرۇي شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىدارىسىگە كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، كەسپىي باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىپ، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بايلىق كۈچىنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈچەپ ئاساسىي كەسىپنى زورايتىپ، كەسىپنى كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي تېلېۋىزىيە ئاخبارات مەركىزىگە كىرىپ، 4K ئاخبارات ئاڭلىتىش ئۆيىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم شىنجاڭ 961 ئاخبارات رادىيوسى، 949 قاتناش رادىيوسىنىڭ بىۋاسىتە ئاڭلىتىش ئۆيىگە كېلىپ، تېلېۋىزىيە- رادىيو مەزمۇنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، رىياسەتچى، دىكتورلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ما شىڭرۇي باش كونترول ئاپپارات ئۆيىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ سەپلىنىشى ۋە يېڭىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تېخنىكىنى يېڭىلاش يۈزلىنىشىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش، كۆرسىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇ يەنە رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يۇغۇرما تەرەققىيات مەركىزىگە كىرىپ، يىپەك يولى ئۈن- سىن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ھەم سىن مەھسۇلاتلىرىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تارقىتىش يولى ۋە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ خاسلىققا، تېخىمۇ تەسىرگە ئىگە رادىيو- تېلېۋىزىيە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
بۇ يىل شىنجاڭ گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ما شىڭرۇي گېزىتخانا(گۇرۇھ)غا كېلىپ، بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تەبرىكلىدى، گېزىتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇساپىسى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم پۈتۈن تاراتقۇ قوماندانلىق مەركىزى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قويۇش- تارقىتىش ئۆيى، گېزىت تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، ھەر مىللەت مۇخبىر- مۇھەررىرلەرنى يوقلىدى، كۆپچىلىكنى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەشتىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئانار بۇلۇت يۇغۇرما تاراتقۇ سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ سۇپا قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئانار بۇلۇت 12345 تەدبىر سوراش سۇپىسىنىڭ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش جەھەتتىكى ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە تارماقلار بىلەن ئۇدۇللىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئىلتىماس- تەلەپلەرنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ زور رولىنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي يەنە تىيانشان تورىغا كېلىپ، خەلقئارا تارقىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تارقىتىش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى سورىدى، نۇقتىلىق ئاخبارات مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىرتقى تارقىتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ ھەقىقىي، گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى كۆرسىتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان بويىچە، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتمەكتە. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەممىلا جاي قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمەلىيەت، ھەممىلا جاي ئاخبارات بىرىنچى سېپى، ئاخبارات سېپىنىڭ سەھنىسى كەڭ، بۇرچى شەرەپلىك، ئىستىقبالى پارلاق. «پارتىيە تاراتقۇلىرى پارتىيەنىڭ بولۇش» تۈپ ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش، ژۇرنال چىقىرىش، ئىستانسا باشقۇرۇش، ئاخبارات تور بېكىتىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىشقا ئۇيغۇن كېلىدىغان خىزمەت مېخانىزمى ۋە باھالاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىشنى كۈندىلىك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ تۈزىتىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئاڭلىق ھالدا مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسىي قوشۇننىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە جانلىق ھېكايىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش كېرەك. ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، بەنزە ئارقىلىق قوشۇننى يېتەكلەشنى سىجىل تۇتۇپ، ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.