ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز گاۋجىدەن ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ جىدەن ۋە «پارىژدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاقناش − ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، «پارىژدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاقناش ــــ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى تۇنجى بېكەت شىنجاڭغا كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ جىدەن ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى تۇنجى بېكەت شىنجاڭغا كەلدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى ئۆزلىرىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. شىنجاڭ ياخشى جاي، يېرى كەڭ، بىپايان، مىللەتلەر خاسلىقى روشەن، تارىخىي مەدەنىيىتى پارلاق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى تېز ئالغا سىلجىتتۇق. ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى،
ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا، بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرىنىڭ ۋەتەننى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش ئېتىقادى، ئۆزىدىن ھالقىش، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۆتۈرەڭگۈ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەنتەربىيە روھى ۋە كۈچىنى يەتكۈزۈپ، ماھارەت تەنتەربىيەسى بويىچە ماھارىتى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىمەن.
گاۋ جىدەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، تاغ- دەريالىرى گۈزەل، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئاساسى چوڭقۇر، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ، جۇڭخۇا تەنتەربىيە روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى ئالغا سىلجىتىشىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ كۆپ مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەرقايسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت ئەزىمەتلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ياش- ئۆسمۈرلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، كەچۈرمىشىنى ئورتاقلىشىپ، روھنى تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن تەنتەربىيە كۈچىنى قوشىدۇ. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ئەسلىھەلەرنى سەپلەش، تەنھەرىكەت تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا تەنتەربىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرىدىن جاڭ يۈفېي، جيا يىفەن، لى چيەن، پەن جەنلې قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى، تەنھەرىكەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئۆز كۈچىنى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، مۇقىيات جارمۇقامەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.