شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى | قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە داكا قىلىپ، قار لەپىلدىگەن تۈمەن چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرىنى قولدىن بەرمەسلىك
11:08:17 2024-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ

11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئۈرۈمچىدە ياغقان بىر مەيدان قار 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى» دېيىلدى)دا كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر لوۋ شياۋيېنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. ئۇ جېجياڭدىن ئېلىپ كەلگەن كۆرگەزمە بۇيۇملىرى − چانا، توكلۇق قار تېيىلىش ئاپتوموبىلىنى ئېلىپ، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سىرتىدىكى بوش يەرگە قاراپ ماڭدى، «بىزنىڭ ئۇ يەردە قار ئاز، شىنجاڭغا كېلىپ بۇنداق ياخشى ياغقان قار بىلەن ئۇچراشقاندا، مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىشىمىز كېرەك».

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى دەل گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قار- مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتقان پەيتكە توغرا كەلگەچكە، دىققەت قىلىش دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى. كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە سارىيى بار، 11 دۆلەت كۆرگەزمىگە قاتناشتى، دۆلەت ئىچىدىكى سەككىز ئۆلكە، شىنجاڭدىكى 200دىن ئارتۇق ساياھەت كوپىراتىپى، 100دىن ئارتۇق مېھمانساراي ھەم 50تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ئىجارە بېرىش كارخانىسى قاتناشتى. «ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلقى قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلدى، ھەرقايسى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرى، ساياھەت كارخانىلىرى پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق قار- مۇز ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق قار- مۇز بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى» دېدى شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، باش كاتىپ جاڭ شياۋيۈ.

ئاممىغا يېقىنلىشىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش

11- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەتىگەندىلا، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋۇ شۆجوۋ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئۆيىدىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنى ئايلاندى. 20 يىل كانكى تېيىلغان قار- مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ كۆرگەزمىگە كېلىپ بىر جۈپ يېڭى كانكى ئايىغى سېتىۋالماقچى بولدى.

ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، ئاساسلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىلىرى قار- مۇز ساياھەت بايلىقى ۋە كارخانىلار ئارىسىدىكى كەسىپ ئۇدۇللاشتۇرۇشنى نامايان قىلىشنى ئاساس قىلغانىدى، بۇ يىل ئوخشىمايدىغىنى، كانكى ئايىغى، قار تېيىلىش كىيىمى، چاڭغىغا دائىر داڭلىق ماركىلار توپلانغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى جابدۇقلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرى، تىرېنېرلار ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىغا بېرىپ، ھەقسىز قار تېيىلىش بېلىتى ۋە تىرېنېرلار دەرس سائىتى ئېتىبار بېلىتى ئالالايدۇ، بىر پونكىت شەكلىدىكى، ئىنتايىن پۇل تېجىگىلى بولىدىغان مۇلازىمەت ئاممىنىڭ قىشلىق قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ۋۇ شۆجوۋ داڭلىق «خېيلۇڭ بىڭداۋ» ماركىسى كۆرگەزمە ئورنىغا باشچىلاپ كىرىپ، چىچىخار خېيلۇڭ خەلقئارا قار- مۇز جابدۇقلىرى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ دىرېكتورى نى لياڭنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن، بىر جۈپ تېز تېيىلىش كانكى ئايىغى سېتىۋالدى. ئۇ ياش چېغىدىن تارتىپلا ئەتراپىدىكى بەش- ئالتە دوستى بىلەن كانكى تېيىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، «شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى دەل بىزنىڭ بازاردا، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش سارىيى ياز كۈنلىرىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىلىدۇ، لېكىن مەن يەنىلا دالىدا قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، شۇڭا كۆرگەزمىدىكى باھادا ئېتىبار بېرىشتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر جۈپ يېڭى كانكى ئايىغى سېتىۋالماقچى بولدۇم» دېدى ۋۇ شۆجوۋ.

قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، قار ئاز ياغىدىغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارمۇ چىن سەمىمىيىتى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. «ئەسلىدە مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەقسىز كىرىش بېلىتىدىن 600نىلا تەييارلىغانىدۇق، نەتىجىدە بىرىنچى كۈنىلا 1200 پارچە بېلەت تارقاتتۇق، كۆپچىلىكنىڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدىن باشلاپ بۇ يېڭى مەنزىرە رايونىمىزنى چۈشىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» كۇچا شەھىرى شىنجاڭ قىزىليا مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى لى لىجۈەن مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىز مايتاغ- كۇچا تاشيولىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يىل 6- ئايدا تىجارەت باشلىغان. «نۇرغۇن كىشى مايتاغ- كۇچا تاشيولىدا قىشتا يول يۈرگىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىناتتى، مەنزىرە رايونىمىز بۇ ئەپسۇسلىنىشنىڭ ئورنىنى تولدۇردى، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى قىلغۇچىلار بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە مەنزىرە رايونىمىزغا كىرەلەيدۇ».

قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، ھەرقايسى جايلار يەنە «قىممەتلىك» مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى 4 مىليون يۈەنلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يېقىندا 4 مىليون 500 مىڭ يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتىنى تورغا چىقىرىدۇ ھەم تارقىتىدۇ. تۇرپان شەھىرى تارقاتقان مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتىنى شىنجاڭنى بىر كود ئارقىلىق ساياھەت قىلىش سۇپىسىدىن ئالغىلى بولغاندىن سىرت، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر تارقاتقان ئىستېمال بېلىتىنى بىردەك شيېچېڭ ساياھەتچىلىكى APPسى ياكى چۈنائېر ساياھەتچىلىكى APPسىدىن ئالغىلى بولىدۇ.

بازارغا ماسلىشىپ ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش

بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، كارخانىلار يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ياكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن قار- مۇز ساياھىتى كەسىپ ھالىتى ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى تاپتى.

«مەنزىرە رايونىمىزغا بۇ يىل قىشتا يېڭىدىن قار- مۇز كەسىپ ھالىتى − قار ئويۇنى شادلىق باغچىسى كۆپەيتىلىدۇ، قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە جېجياڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇق. شىنجاڭ مەنشىن ۋاڭيوۋگۇ مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى يۈ جۈەن مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىز قورغاس ناھىيەسىدىكى تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان، تەبىئىي قارلىق تۆپىلىكلەر بار، قار ئويۇنى تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ.

يۈ جۈەن بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغىنى قار مەنزىرىسىدە مەھسۇلاتىنىڭ ئېلان فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان لوۋ شياۋيې ئىدى، ئۇنىڭ زاۋۇتى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يۇڭكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاممىۋى قار تېيىلىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت ئىدى. 2009- يىلى، ئۇلار شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە كەلگەنىدى. «سىز ھازىر كۆرۈۋاتقان بارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى زاكاز قىلىنىپ بولدى، كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ماللارنى خېرىدارلارغا ئەۋەتىپ بېرىمىز، يان تېلېفونۇم ۋە دەپتىرىمدە نەچچە ئون زاكازنىڭ ئۇچۇرى بار» دېدى لوۋ شياۋيې مۇخبىرغا.

كۆرگەزمىدىن بىر كۈن ئىلگىرى، لوۋ شياۋيې خىزمەتداشلىرى بىلەن سەككىز سائەت ئالدىراش ئىشلەپ، 100گە يېقىن قار- مۇز كۆرگەزمە بۇيۇمىنى قۇراشتۇرۇپ بولدى. «جېجياڭدىن كېلىشىمىزدىكى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى ۋە مەھسۇلاتنىڭ توشۇش ھەققى يۇقىرى، تەننەرخمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، راست گەپنى قىلسام كۆرگەزمە باشلىنىشتىن بۇرۇن تازا ئىشەنچ قىلالمىغانىدىم. لېكىن كۆرگەزمە باشلىنىپ يېرىم كۈندىن كېيىنلا مەن شىركەت مەسئۇلىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىمىزنىڭ مۇتلەق ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتىم» دېدى لوۋ شياۋيې. ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا بار، قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا ۋە كۆپلىگەن مەنزىرە رايونلىرىدىمۇ بار، شىنجاڭنىڭ قار- مۇز بازىرى جانلانغاچقا، ئۇلار شىنجاڭدا تارماق بۆلۈم تەسىس قىلىشنى ئويلاشتى.

پاڭبادى قار- مۇز جابدۇقلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، يېڭى تىپتىكى پاڭبادى قارلىق دالا موتوسىكلىتى ھەرقايسى چوڭ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. «قورغاس ناھىيەسىدىكى فۇشوۋشەن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى بۇ موتوسىكلىتتىن بەشنى زاكاز قىلدى، كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى بەشنى زاكاز قىلدى، ئاساسلىقى قار تېيىلىش مەيدانىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، بۇ قار تېيىلىش مەيدانلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەن، بۇ موتوسىكلىتلارنى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن سېتىۋالدۇق» دېدى شىنجاڭ جىليەن تەنتەربىيە ساياھىتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو چياڭ.

شىنجاڭنىڭ مول ۋە ئەلا سۈپەتلىك قار- مۇز بايلىقىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى نۇقتىلىق سۇپا كارخانىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شيېچېڭ سۇپىسى، شياۋخۇڭشۇ سۇپىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ قېتىمقى قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. شياۋخۇڭشۇ سۇپىسى يەنە 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە ئالتاي جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا «شياۋخۇڭشۇ قار ئادەم بايرىمى» ئۆتكۈزىدۇ، شۇ چاغدا 100گە يېقىن ۋېيبو ئىگىسى ۋە سەنئەتكارنى ھېس قىلىشقا ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

ھەمتۈرتكىلىك بايلىقلارنى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىرىش

خەلقئارا ئۇسلۇبتىكى قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى بارغانسېرى كۆپ چەت ئەللىك كۆرگەزمە سودىگەرلىرىنى كېلىشكە جەلپ قىلدى.

كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، نى لياڭ تەرجىمە يۇمشاق ماتېرىيالى ئارقىلىق قىرغىزىستاندىن كەلگەن كۆرگەزمە سودىگەرلىرى بىلەن كانكى زاكاز قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىۋاتاتتى، «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىلىدىغان مەھسۇلات ئاساسلىقى ئىقتىدار- باھا نىسبىتى يۇقىرى بولغان كانكى، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە مۇز تېيىلىش مەيدانلىرى كۆپ، كانكى تېيىلىدىغانلار تۈپ سانى كۆپ، ئېھتىياج ناھايىتى زور».

قازاقىستاندىن كەلگەن گۈلنىسا ئۆمەرقان شۇ جايدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى جۇڭگودىن بارغان 200دىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالدى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، ئۇ جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ غايەت زور ساياھەتچى مەنبەسى بازىرىنى كۆرۈپ يەتتى. «بۇ قېتىم، بىز شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتتۇق، ئۇلار قىشتا ئوۋ ئوۋلاش لىنىيەسىگە ئىنتايىن قىزىقتى، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچىسى بىلەن پۈتۈشۈپ قويدۇم، يېقىندا يېڭىلىقنى سىناپ بېقىش ئۆمىكى تەشكىللەيدىغان بولدۇق» دېدى گۈلنىسا.

قار- مۇز تەنھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، قار- مۇز مەدەنىيىتى، قار- مۇز جابدۇقلىرى، قار- مۇز ساياھىتى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى قوزغىتىلدى. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدىكى مۇھىم مۇسابىقە بولۇش سۈپىتى بىلەن، 12- ئايدا، FWT دۇنيا تەبىئىي قار سەييارە مۇسابىقىسى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جىكپۇلىن خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ 2025- يىللىق 2- نۆۋەتلىك «قار- مۇز يىپەك يولى − جۇڭگو قار- مۇز شەھىرى» ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كېلەر يىلى 1- ئايدا ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. «خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قار- مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىنى باشلىنىش قىلىپ، 2024- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان يېڭى قار پەسلىدە، شىنجاڭ قار لەپىلدىگەن تۈمەن چاقىرىملىق گۈزەل مەنزىرىنى قولدىن بەرمەي، قار- مۇز ساياھىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ» دېدى جاڭ شياۋيۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125