11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق سودا ئىدارىسى ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش كارخانىلىرى ۋە بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى شىمىگۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگىنىغا تەكلىپ قىلىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش يۈرۈشلۈك سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىپ، كېڭەيتىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمال ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
مۇخبىر پائالىيەت نەق مەيدانىدا چىرۇي، خۇڭچى قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگىنى قورۇسىغا توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى، 1- قەۋەتتىكى زالدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ئىگىلىنىشىچە، قىممىتى 1000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا 400 يۈەن ياردەم پۇلىدىن، يېڭىسىنى سېتىۋالسا 200 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن؛ قىممىتى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا 600 يۈەن ياردەم پۇلىدىن، يېڭىسىنى سېتىۋالسا 400 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن؛ قىممىتى 5000 يۈەندىن 7000 يۈەنگىچە بولغان ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا 800 يۈەن ياردەم پۇلىدىن، يېڭىسىنى سېتىۋالسا 600 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن؛ قىممىتى 7000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىنى سېتىۋالغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسا 1000 يۈەن ياردەم پۇلىدىن، يېڭىسىنى سېتىۋالسا 800 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن.
شىمىگۇ رايونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى يۈن مۇنداق دېدى: ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى سېتىش كارخانىلىرىنى ھۆكۈمەت ئورگىنىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا باشلامچىلىق بىلەن تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)