ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرلار شى شىن، ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاچقان «شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن: 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشقان بولۇپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 9.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى قاتارلىق كەسىپلەر تېز كۆپەيگەن، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار كۆلىمى يەنىمۇ ئاشقان.
ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر كەلگۈسى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى يېڭى تۈۋرۈك، يېڭى مۇسابىقە يولى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر جاۋ شىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كاربوننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، ئېلېكتىرونلۇق ماتېرىيال، بىيوتېببىي دورا، يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمىتى، تور ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت توققۇز كەسىپ زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭ «زەنجىرنى كۈچەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» بويىچە يېتىشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشانلاپ، كەسىپ توپىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.
شىنجاڭ «تۈرنى باش ئورۇنغا قويۇش» خىزمەت ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپلەر ۋە 10 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك يېڭى ماتېرىيال كەسپى تۈرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر مەخسۇس مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى قوللىدى. يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كىرېمنىي يورۇقلۇق ۋولت تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىق تۈرى ۋە بىيوتېببىي دورا تۈرىدە بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، لىتىي كاربونات، يۇقىرى دەرىجىلىك كۆرسىتىش ئېكرانى ماتېرىيالى قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەردە قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ سىجىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېشىشىغا پۇختا ئاساس سېلىندى.
«كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش بىلەن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.» جاۋ شىفېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تەرەققىيات ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىدىكى كەم ھالقىلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى، كارخانا تېخنىكا مەركىزى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرى ۋە نۇقتىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تېزلىتىلىپ، ئىلغار تېخنىكا نەتىجىلىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
«رەقەملەشتۈرۈپ- ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ كۈچ قوشۇش»نىڭ تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىشىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ كەسىپلەرنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ئىتتىپاقى شىنجاڭ شۆبە ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇردى، «2024- يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنى باغچە رايونىغا كىرگۈزۈش . شىنجاڭ بېكىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر سەپىرى پائالىيىتى»نى قانات يايدۇردى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2- تۈركۈمدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش بويىچە سىناق نۇقتا شەھىرى بولۇپ تاللىنىشىغا تۈرتكە بولدى، «جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك تېخنىكا خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» قاتارلىقلارنى ئۆتكۈزدى. سانائەت ساھەسىدىكى كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە يېتەكلىدى. ئالدىنقى ئون ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئېشىپ، رەقەملەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلدى.