قايسى كىشىلەر ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى ئالالايدۇ؟
18:07:24 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسىنى كىملەر ئالالايدۇ؟

ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملارغا ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تولۇقلىمىسىنىڭ مۇددىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىغا بەش يىل قالمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ پېنسىيەگە چىققۇچە ئۇزارتىلغاندىن سىرت، قالغان خادىملارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن چاغدىكى يېشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ).

ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنىلا باشقا يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان چوڭ ياشلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار، ئېغىر مېيىپلەر قاتارلىقلار تەرتىپ بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولىدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى مۇددىتى يېڭىباشتىن ھېسابلىنىدۇ. 

ئىش ئورنى ياردەم تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ. سىياسەت ئۇزاق مۇددەت ئىجرا قىلىنىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125