ناخشىلاردا كۈيلەنگەن ياخشى جاي − شىنجاڭ
16:45:40 2024-11-27 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

جاۋ جيەنجيەن

«ئالما پۇرىقى» دېگەن ناخشا ئىلىنىڭ ئالتە شوئار كوچىسىنى ھەممىگە تونۇتتى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن )


داۋانچىڭ بازىرىدىكى ھەيكەلدىن «داۋانچىڭ قىزى»نىڭ ھېكايىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن )

 «تاغ ناخشىسى ياڭرىغان جاي . داۋلاڭ 2024 سەييارە ناخشا كېچىلىكى» مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، ناخشا كېچىلىكىدە داۋلاڭ شىنجاڭچە پۇراققا تويۇنغان ناخشىلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا جەلپ قىلدى.

 ھەيۋەتلىك ھەم مەنزىرىسى گۈزەل شىنجاڭ ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جاي بولۇپ كەلدى. شىنجاڭچە پۇراققا تويۇنغان تەسىرلىك ناخشىلارنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن كىشى شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ھەمدە بۇ جايغا قاراپ ئاتلاندى. ئۇلار بۇ گۈزەل مېلودىيەلەردىن «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يايلاقلار»نىڭ ھەيۋەتلىك، بىپايانلىقىنى، تۇرپان ئۈزۈمىنىڭ شېرىن تەمىنى، قەشقەردىكى توغراقلارنىڭ مەردانە قەددىنى، ئىلىدىكى ئالتە شوئار كوچىسىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت پۇرىقىغا باي، رومانتىكلىقىنى، كۆكتوقاي گېئولوگىيە باغچىسىنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى بىلدى... ئەينى يىللاردىكى ۋاڭ لوبىڭدىن كېيىن داۋلاڭغىچە نەچچە ئەۋلاد مۇزىكانت شىنجاڭنى كۈيلىدى. بۇ ناخشا- مۇزىكىلاردا شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت ۋە جۇغراپىيەسى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئاجايىپ رىشتە ئارقىلىق بۇ تۇپراقتىكى تەبىئىي مەنزىرىلەر، تارىخىي يادىكارلىقلار، خەلق ئۆرپ- ئادەتلىرى زىچ باغلىنىپ، شىنجاڭ زېمىنىنىڭ رەڭدار يۆگىمە رەسىملىرى بارلىققا كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ناخشىلار كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۈستىدە ئىزدىنىشى، شىنجاڭنى چۈشىنىشىدىكى بىر كۆزنەككە ئايلاندى.

 قېنى، بۇ ناخشىلاردا تەسۋىرلەنگەن شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ كۆرەيلى. بۇ تۇپراقتا بارلىققا كەلگەن ھەربىر ناخشا بىر ھېكايە، ھەربىر ھېكايە بىر بۆلۈك ئاجايىپ كەچمىش ۋە نادىر ئەسلىمە.

 ناخشىلار شىنجاڭنىڭ گۈزەل نامىنى يىراق- يېقىنغا تاراتتى

 «داۋانچىڭ قىزلىرىنىڭ ئۆرۈم- ئۆرۈمدۇر چاچلىرى، بەكمۇ چىرايلىق بۇلاقتەك قارا كۆزلىرى». «داۋانچىڭ قىزى» ناملىق بۇ ناخشا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان داۋانچىڭ بازىرىنى دۇنياغا تونۇتتى. ۋاڭ لوبىن ئەپەندى لەنجوۋدا بىر قېتىملىق ئويۇن قويۇشقا قاتناشقاندا، بىر شىنجاڭلىق شوپۇر ئۇستام سەھنىدە ئېيتقان بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ، بۇ شوخ خەلق ناخشىسىنىڭ نوتىسىنى خاتىرىلىۋالغانىدى، كېيىن كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۇ نادىر ئەسەرنى ئىجاد قىلدى. ئاددىي، ئەمما جانلىق بايان قىلىنغان بۇ ناخشا تېكىستى كىشىنى خۇشاللىق ۋە قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇرغان بۇ تۇپراقتا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلاتتى. «داۋانچىڭ قىزى» ناملىق بۇ ناخشا دۆلەت ئىچىدە كەڭ تارقىلىپلا قالماي، يەنە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرمۇ ياقتۇرىدىغان ناخشىغا ئايلاندى.

 ئەگەر «داۋانچىڭ قىزى» ناملىق ناخشا داۋانچىڭ بازىرىنىڭ داڭقىنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تاراتتى دېيىلسە، «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشا غەربىي چېگراغا جايلاشقان شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتتى، دېيىشكە بولىدۇ.

 «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى كەڭرى يايلاق...» شوخ رىتىمدىكى «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشىدا شىنجاڭ سەمىمىي رەۋىشتە مەدھىيەلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە مول بايلىقى نامايان قىلىنغان، بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا شىنجاڭنى مەدھىيەلەيدىغان ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرگە ئايلانغان. 1952- يىلى پايتەخت بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن پۈتۈن ئارمىيە بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە كۆرەك − مۇسابىقىسىگە «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇسلۇبى روشەن، تىلى راۋان بولغاچقا، مۇسابىقىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. بۇ ناخشا مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ، ھەممىگە تونۇشلۇق داڭلىق ناخشىغا ئايلانغان.

 «شىنجاڭ ياخشى» ناملىق ناخشىدا شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى مەدھىيەلىنىپلا قالماي، يەنە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى جانلىق تەسۋىرلەنگەن. «تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى كەڭرى كەتكەن يايلاق، چۆل- جەزىرە ئۆزگەردى بولۇپ مۇنبەت تۇپراق»تىن «ھەر مىللەت خەلق قۇردى بۈيۈك ئىتتىپاق، داھىي ماۋ زېدۇڭنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى ناخشا- قوشاق»قىچە، ناخشىدا تۇرمۇشقا بولغان گۈزەل ئىنتىلىش ۋە ۋەتەنگە بولغان سەمىمىي تىلەك تولۇپ تاشقان.

 مىسرالاردىكى يىراق جاي كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى تەلپۈنىدىغان جاي

 ناخشىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى شىنجاڭدا مال- چارۋىلار يايلاپ يۈرىدىغان يايلاقنى، شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىل ئالمىشىپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگەندەك بولدى. باھاردا يايلاقتا ياۋا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، قوي- كالىلار توپ- توپ بولۇپ يايلايدۇ؛ ياز كۈنلىرىدە يايلاق ياپيېشىل رەڭگە پۈركىنىدۇ، جىرالاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ؛ كۈزدە ئالتۇن رەڭلىك يايلاق بىلەن يىراقتىكى قارلىق چوققا بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ؛ قىشتا كۈمۈش لىباس بىلەن ئورالغان يايلاققا يەنە باشقىچە تۈس كىرىدۇ.

 1959- يىلى ئىجاد قىلىنغان «يايلاق كېچىسى» ناملىق ناخشا، ھۆججەتلىك فىلىم «يېشىل دالا»نىڭ قىستۇرما ناخشىسى بولۇپ، ئۇ ئىلىنىڭ كۆكدالا يايلىقىدا ئىجاد قىلىنغان.

 «يايلاق كېچىسى» داڭلىق يۇقىرى ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى لى شۇاڭجياڭنىڭ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىشى بىلەن كەڭ تارقالدى. ناخشىنى ئاڭلىغان كىشىلەر خۇددى مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان، شېئىرىي تۇيغۇغا باي يايلاققا بېرىپ، يايلاقنىڭ جىمجىت ھەم گۈزەل كېچىسىنى، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ چاراقلىشىنى ھېس قىلغاندەك بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ كىلاسسىك خەلق ناخشىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مېلودىيەسى 60 نەچچە يىلدىن بۇيان جۇڭگودىن پارىژ، لوندون، نيۇيورك ۋە دۇنيا مۇزىكا مەركىزى ۋىيېنناغىچە تارقالغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى «دۇنياغا داڭلىق شەرق سېرېناداسى» دەپ نام بەرگەن. بۈگۈنكى كۈندە كۆكدالا شەھىرى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدا داۋاملىق يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتمەكتە.

 شىنجاڭنى كۈيلەيدىغان ناخشىلار تىلغا ئېلىنسا، ھەممە كىشى ياقتۇرۇپ ئېيتىدىغان «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» ناملىق ناخشىنىمۇ ئېسىگە ئالىدۇ. بۇ ناخشا «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق كىنونىڭ قىستۇرما ناخشىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى چېگرا مۇداپىئە جەڭچىسى بىلەن تاجىك قىزىنىڭ ساپ مۇھەببىتىگە مەدھىيە ئوقۇلغان، شۇنداقلا چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ قاراۋۇللۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا مەدھىيە ئوقۇلغان.

 «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى، ئانارخاننىڭ قەلبىگە ئىشتىياق چۈشتى». دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر شىنجاڭ تۇرپاننىڭ ئۈزۈم ماكانى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، تۇرپاننىڭ داڭقى «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى» دېگەن ناخشا بىلەن تەڭ تارقالغان. تۇرپان ئۆزگىچە ھاۋا كىلىماتى ۋە تۇپراق شارائىتى بىلەن ئۈزۈم ئۆستۈرۈشكە باپ جايغا ئايلانغان. بۇ يەردە ئۈزۈمنىڭ تۈرى كۆپ، تەمى تاتلىق، ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، قەدىمىي سۇغىرىش سىستېمىسى بولغان كارىز ئۈن- تىنسىز ھالدا ئۈزۈمزارلىققا ھاياتلىق سۈيى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. كىشىلەر ئۈزۈمنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىغان شۇ پەيتتە، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە ئەمگەكچانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. كىشى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان كارىز سۈيىگە قاراپ ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە جاپالىق ئىشلەۋاتقان، جۈپ قولى بىلەن بۇ بوستانلىقنى بەرپا قىلىۋاتقان، شۇنداقلا بۇ ئۈزۈمچىلىككە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان مەنزىرىنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولىدۇ.

 ناخشىلاردا كۈيلەنگەن ياخشى جاي- شىنجاڭ

 داۋلاڭ ئېيتقان «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ھەقىقىي مەنىدىكى شىنجاڭ مودا مۇزىكا ناخشىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

 داۋلاڭ 2002- يىلى ھەمراھلىرى بىلەن دوستلۇق يولى ئەتراپىدىكى ئىشخانىسىدىن چىقىپ، قارنىڭ لەپىلدەپ يېغىپ بىنانىڭ ئالدىدىكى بوش يەر ئاپئاق تۈسكە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆردى. ئىشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا دەل كوئېنلۇن مېھمانخانىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بېكەتتە نۇرغۇن ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 2- يول ئاپتوبۇسىنى ساقلاۋاتاتتى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىز ئۇچىسىغا رەڭدار كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئاپئاق قاردا ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنەتتى. داۋلاڭ يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ: «بۇ 2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» دېگىنىنى ئاڭلىدى.

 بۇ گەپنى ئاڭلىغان داۋلاڭ ئارقىغا بۇرۇلۇپلا ئىشخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى، ئۇنىڭ كاللىسىغا تەبىئىيلا بىر مېلودىيە كەلگەنىدى. ئۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2- يول ئاپتوبۇسىنى، يولدىكى يوپۇرماق ۋە قار ئۇچقۇنلىرىنىڭ شامالدا يىراقلارغا ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىدى. سىچۇەندىن خەينەنگە، ئاندىن شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىنى ئويلاپ، ئۆزىنى ئاشۇ يوپۇرماقلارغا ئوخشاتتى. شۇ دەقىقىدە داۋلاڭنىڭ قەلبىدە قايغۇ بىلەن خۇشاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ھېسسىياتنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ ئىجادىيەتنى تېزلا تاماملىدى. بۇ دەل «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ناملىق ناخشىنىڭ بارلىققا كېلىش ھېكايىسى.

 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى بۇ ناملىق پىلاستىنكا تارقىتىلىپ بىر ھەپتىگە قالمايلا، پۈتۈن جۇڭگوغا كەڭ تارقالدى، شۇ يىلى مەيلى ئۈن- سىن دۇكانلىرى ياكى سودا ساراي، ئاشخانا، رېستورانلاردا بولسۇن، بۇ ناخشا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلغان، كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان كىلاسسىك ناخشىغا ئايلاندى.

 بۇ ناخشىنىڭ مودا بولۇشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر «كوئېنلۇن مېھمانخانىسى (بالوۋ)» بېكىتىدە توختايدىغان 2- يول ئاپتوبۇسىنى بىلدى. ھازىرمۇ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، كوئېنلۇن مېھمانخانىسىغا بېرىپ يوقلىمىدىن ئۆتىدۇ .

 شەھەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 2- يول ئاپتوبۇسىنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ قولايلىق بولغان BRT ۋە مېترو 1- لىنىيەسى سەپلەندى، لېكىن كوئېنلۇن مېھمانخانىسى يەنىلا ئۆز ئورنىدا بولۇپ، «2002- يىلىدىكى تۇنجى قار» ناملىق ناخشا بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدا شەھەرلىشىشىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنكى كۈندە داۋلاڭنىڭ مەملىكەتلىك سەييارە ناخشا كېچىلىكى دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچى يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

 داۋلاڭ ناخشا ئارقىلىق كىشىلەرگە تونۇشتۇرغان شىنجاڭدىكى يەنە بىر شەھەر قەشقەر، تېخىمۇ كۆپ كىشى «قەشقەردىكى توغراقلار» ناملىق ناخشىدىن قەشقەرنى ۋە بۇ يەردىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلارنى تونۇدى. كۈز شامىلىنىڭ غۇرقىراپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، توغراقلىق خۇددى تەبىئەتتىن سىرلىق تۈس ئالغاندەك، ئالتۇن رەڭدە جۇلالىنىپ، خۇددى بىر پارچە گۈزەل ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالىدۇ. توغراق چۆل- باياۋاندا قەد كۆتۈرۈپ، خۇددى قەشقەردىن ئىبارەت بۇ شەھەرگە ئوخشاش يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى. يۈز يىللىق چايخانا ۋە ھەربىر كوچا، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

 2021- يىلى ناخشىچى ۋاڭ چىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، «كۆكتوقايدىكى پادىچى» ناملىق ناخشا پۈتۈن مەملىكەتتە ئالقىشقا ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى بولغان كۆكتوقاينىڭ نامى تېخىمۇ يىراقلارغا تارالدى.

 ۋاڭ چى مۇنداق دېدى: «بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىشتا، شىنجاڭدا ئۆتكەن ئون يىلدىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىم ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى». بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ۋاڭ چى لياۋنىڭ شيۇيەندىن بولۇپ، 2009- يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر مەدەنىيەت شىركىتىدە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ۋاڭ چى شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مۇزىكا ئىشلىگۈچى بىلەن ئۇچرىشىپ، بۇ يەرنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا مەپتۇن بولۇپ قالغان. ۋاڭ چىنىڭ ئۈلگىسى ۋاڭ لوبىن ئىدى، ۋاڭ لوبىننىڭ ھەربىر ناخشىسى بىر ھېكايە بولۇپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغاندا كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا ناخشا تېكىستىدە سۈرەتلەنگەن كۆرۈنۈشلەر نامايان بولاتتى. شۇڭا ۋاڭ چىمۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ھېكايىلەرنى سىڭدۈردى.

 بىر شەھەر بىر ناخشا

 مۇزىكانت لاڭگې ئىجاد قىلغان ۋە ئۆزى ئېيتقان «ئالما پۇرىقى» ناملىق ناخشا توردا كەڭ تارقالدى، ناخشىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، غۇلجا شەھىرىدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى بولغان ئالتە شوئار كوچىسى كىشىلەرنى جەلپ قىلدى.

 بۇ ناخشىنى ئىجاد قىلىش مەقسىتى تىلغا ئېلىنغاندا، لاڭگې غۇلجىدا ئۆتكەن بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلىدى. مومىسىنىڭ ئالمىلىق بېغى ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ئالمىلىق باغدا ئۇنىڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى بار ئىدى.

 لاڭگېغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «ئالما پۇرىقى» نوقۇل بالىلىق تەسۋىرلەنگەن ناخشا بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭدا دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن، تۇرمۇش، ئەسلىمە، دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئىپادىلەنگەن. بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان كىشىدە غۇلجىدىكى ئالتە شوئار كوچىسىغا بېرىپ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە زامانىۋى سەنئەت ئىجادىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، مۇزىكا، ئۇسسۇللارغا جور بولۇش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ، ئالتە شوئار كوچىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن دوستلارنى قارشى ئېلىش قىزغىنلىقى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.

 داڭلىق مۇزىكانت خۇڭ چىنىڭ «قىزىل قار لەيلىسى» ناملىق ناخشىسى ئىلگىرى پۈتۈن مەملىكەتتە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز مۇزىكانتلار بىر تەرەپتىن مۇزىكىنىڭ سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھازىرقى زاماندىكى تارقىتىش يوللىرى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىپ، مۇزىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت- ساياھەتكە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كۈيلىشىمىز كېرەك.

 ناخشىلاردا كۈيلەنگەن بۇ جايلار شىنجاڭنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلدى. ئۈرۈمچىدىكى «كوئېنلۇن مېھمانخانىسى (بالوۋ)»، كۆكدالا يايلىقى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى مۇز تاغ، قەشقەردىكى توغراقلىق، كۆكتوقايدىكى گۈزەل مەنزىرە، ئىلىدىكى ئالتە شوئار كوچىسى قاتارلىقلار جۇغراپىيەلىك يەر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئارزۇ، ئۈمىد ۋە مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن مەنىۋى ماكان. ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ بۇ زېمىنغا قەدەم باسقان ھەربىر كىشى بارغانلا يېرىدە ئۆزىگە خاس ھېكايىلەرنى يازىدۇ، شۇنداقلا ناخشا ساداسى ئارقىلىق ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭنى ھېس قىلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125