ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ6881 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى 2.8 توننا قوي گۆشىنى «ئېلىپ» ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن گۇاڭجوۋغا قاراپ ئۇچتى. قىش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قوي گۆشى گۇاڭجوۋلۇق مېھمانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
11- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا، خىزمەتچى خادىم يۈك ساندۇقى مەشغۇلاتى قىلىپ، قوي گۆشىنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا باسماقتا. خوۋ جېنيۈ فوتوسى
10- ئايدىن بۇيان، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى جەمئىي توشۇغان شىنجاڭ قوي گۆشى 270 توننىدىن ئاشتى، ئاساسلىقى گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، شېنجېن، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭجوۋغا توشۇلغان قوي گۆشىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشتى.
قوي گۆشىنىڭ توشۇلۇش جەريانىدىكى يېڭى ھالىتى ۋە توشۇش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى شەھەر يۈك پونكىتىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىغىچە بولغان پۈتۈن جەريان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەم شەھەر يۈك پونكىتىدا ئەسلىدە ئايروپورتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۆلمە زاكاز قىلىش، يىغىپ توشۇشنى تەكشۈرۈش، تالون تەييارلاش قاتارلىق تەرتىپ رەسمىيەتلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قوي گۆشىنى ئايرودۇرۇمدا بىر تەرەپ قىلىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوي گۆشى قاتارلىق ئالاھىدە تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىشقا تېگىشلىك مەھسۇلاتلارغا قارىتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئەشيا ئوبوروتى يەنە تېز يىغىپ توشۇش، ئالدىن قاچىلاش قاتارلىق ئالاھىدە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس ئادەم پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قوي گۆشىنىڭ «ئەسلىي تەم، ئەسلىي پۇرىقى» بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)