ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى سىرتقا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش تۇنجى كەسپىنى بېجىردى
16:27:41 2024-11-27 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

  ئۈرۈمچى ئاھالىسى ياڭ مىڭجياۋ بىلەن كورېيەدىن كەلگەن جىن جۈنفەن 11- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى)دە ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىردى. بۇ، ئۈرۈمچىدە سىرتقا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كەسپى ھوقۇق چېكى تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ بېجىرىلگەن سىرتقا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كەسپى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى) قۇرۇلغاندىن بۇيان بېجىرىلگەن سىرتقا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش تۇنجى كەسپى ھېسابلىنىدۇ.

 ياڭ مىڭجياۋ بىلەن جىن جۈنفەن ئالدىن كېلىشىپ قويغىنى بويىچە شۇ كۈنى سائەت 10:00لاردا ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى)گە كەلدى. تىزىملاش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىم قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بۇ قىز- يىگىتنىڭ ئۆيلىنىشىنى تىزىملىدى.

 جىن جۈنفەن مۇنداق دېدى: خىزمەتچى خادىم بىزگە سوۋغات بەرگەندە بەك تەسىرلەندىم. كورېيەدىن جۇڭگوغا كەلگىنىمگە 14 يىل بولدى، شىنجاڭ گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك جاي، بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ ئىنتايىن قىزغىن.

 مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆيلىنىشنى تىزىملاتماقچى بولغان بىر تەرەپنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق نوپۇسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولسا، چەت ئەللىككە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىسى ۋە خۇاچياۋلارغا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كەسپىنى پەقەت ئۈرۈمچى يىمىن سارىيىدىلا بېجىرگىلى بولاتتىكەن. ھازىر ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورنىدىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر سىرتقا چېتىشلىق ئۆيلىنىشنى تىزىملاش، ئاجرىشىشنى تىزىملاش، ئۆيلىنىشنى تىزىملاش كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئېلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدىكەن.

 يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن رايون باشلىقى) سۈن شياۋيۈ مۇنداق دېدى: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا قۇرۇلدى. بىر ئايدىن بۇيان، بۇ مەركەز چەت ئەللىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى، تۇرۇش كىنىشكىسى، ۋىزا ئالماشتۇرۇپ مۇددىتىنى ئۇزارتىش، خىزمەت ئىجازىتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىش تۈرىدىن 1200 ئادەم (قېتىم)نى بېجىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە چەت ئەللىكلەرنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش بويىچە مەسلىھەت سوراش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئىشلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش، بانكا كارتىسى، يان تېلېفون كارتىسى بېجىرىش قاتارلىق 16 تۈرلۈك تۇرمۇش تۈرىدىكى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 سۈن شياۋيۈ مۇنداق دېدى: بۇ مەركەز چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئېھتىياجىنى داۋاملىق رەتلەپ، شىنجاڭنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەت ئەللىكلەرنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان گۈزەل نام كارتىسى ۋە گۈزەل مۇھىت قىلىپ بەرپا قىلىپ چىقىدۇ. (مۇخبىر مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125