ناركوز قىلىش بالىنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
18:07:26 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قىسمەن ناركوز قىلىش، پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىشنى قانداق تاللاش كېرەك؟

ناركوز قىلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بار، بالىلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن قىسمەن ناركوز قىلىش ۋە پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش ئۇسۇلى بار.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قەدەر تېيىز ئورۇن ياكى يارا بىر قەدەر كىچىك ئوپېراتسىيەلەردە، دوختۇر قىسمەن ناركوز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، مەسىلەن، خەتنىلىك ئوپېراتسىيەسى، چىش تارتقۇزۇش قاتارلىقلار قىسمەن ناركوز قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

لېكىن، بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، ماسلىشىشچانلىقى ناچار، ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغاندا ئاسانلا قورقۇپ كېتىدۇ، قورقۇنچ ھېس قىلىدۇ، بالىلارغا زەخىملىنىش دائىرىسى بىر قەدەر چوڭ، ئاغرىق سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك، شۇنداقلا بەدەنگە كىرىش خاراكتېرلىك ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، مەسىلەن، پۇتقا پولات تاختا ئورنىتىش قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەردە دوختۇر ئادەتتە پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.

بادامسىمان تەنچىنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىدە ئۈسكۈنىنى كىچىك دوستلارنىڭ ئاغزىغا كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا كىچىك دوستلار بىئاراملىق ھېس قىلىپ، قورقۇپ كېتىدۇ، شۇڭا پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

بالىلارنى ناركوز قىلىش بىخەتەرمۇ؟

نۆۋەتتىكى داۋالاش سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، تەجرىبىلىك ناركوز دوختۇرلىرى كوللېكتىپى تولۇق باھالاپ، ناركوز قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ھەر قايسى ياش باسقۇچىدىكى بالىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ناركوز قىلسا بولىدۇ.

مەسىلەن، پۈتۈن بەدەنلىك ناركوز قىلىنغان ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ جىگىرىنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى جايلار كۆپ قېتىم سىناق قىلدى. پەقەت تولۇق باھالاش ۋە تەپسىلىي باشقۇرۇش بولسىلا، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى ناركوز قىلىش بىخەتەر بولىدۇ، ئاتا- ئانىلار بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

ناركوز قىلىش بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ھازىرقى زامان ناركوز دورىلىرى ۋە ناركوز باشقۇرۇش لايىھەسى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت يېڭىلىنىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشتىن ئۆتتى، شۇنداقلا نەچچە ئون مىڭ بىمارنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتتى. نۆۋەتتە بالىلارغا ناركوز دورىسى ئىشلىتىشتە ئالدى بىلەن قىسقا ئۈنۈملۈك، ئاسان يىغىلىپ قالمايدىغان دورىلار تاللىنىدۇ، ئادەتتە بىر نەچچە سائەتتىلا بالىلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.

بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان بىر قىسىم ناركوز دورىلىرى كىچىك دوستلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، لېكىن تەسىر كۆرسىتىش ۋاقتىمۇ پەقەت مىنۇت بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بۇ، ئاساسلىقى بالىلارغا ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى ئازابلىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، كىچىك دوستلارنى قوغدايدۇ. يەنە نۇرغۇن تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر قېتىملىق، قىسقا ۋاقىتلىق ناركوز قىلىش بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بالىلارنىڭ نەپەس يولى بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ھەر قانداق خەۋپ- خەتەر ئامىلى، بولۇپمۇ زۇكام، يۆتىلىش، قىزىش، يىغلاش قاتارلىق ئەھۋاللار بالىلارنىڭ نەپەس يولى سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان بالىلارغا نىسبەتەن، ناركوز قىلىشتىن بۇرۇن ۋاقتىدا دورا يەپ، ياخشى ئارام ئېلىپ، سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئادەتتە، بالىلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ھەم قايتا يۆتىلىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەندە، ئاندىن ناركوز قىلىش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشقا ماس كېلىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125