11- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان مىليون مو ئىپتىدائىي توغراقلىقتا تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى كۆرۈلدى، كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش ۋە قۇملۇق كۈمۈش لىباس كىيگەن توغراقلىق بىلەن بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، چۆچەكلەردىكى ئاق رەڭلىك ئورمانغا ئوخشىتىپ قويدى.
يەڭگىل، ئاپئاق تۇمان سۆڭگىسى مىڭ يىللىق توغراقلارغا يېپىشىپ تۇرغان، توغراقلار ئاق لىباس كىيگەندەك پارقىراق ھەم سۈزۈك بولۇپ، كىشىگە خۇددى خىيالىي قار- مۇز دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھەر بىر تۈپ توغراق خۇددى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيگەن پەرىزاتقا ئوخشاش، قىشتىكى قۇياش نۇرىدا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان نۇر چاقنىتىپ تۇراتتى. تۇمان سۆڭگىسى چۈمكەپ تۇرغان توغراقلىق يىراقتىن قارىغاندا ئاق لىباس كىيگەندەك كۆرۈنەتتى. ئاپئاق تۇمان سۆڭگىسى قەدىمىي توغراقلار بىلەن بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى. مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، مۇز كىرىستال بىلەن ئورالغان توغراق شاخلىرى شامالدا ئىرغاڭلاپ، خۇددى قار ئۇچقۇنلىرى ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندۈرەتتى.
مۇخبىر: ليۇ فېڭجىڭ
بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى شېن كەيلۇڭ، خوۋ شيەنۋېي، يۈسۈپ بايىز
نازارەتچى: شۆ جىڭ، يۈ لېي
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)