بۇ بىر نەچچە كۈندە سوغۇق ئېقىم شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ دۆلىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ تەسىرىدە ياغقان قار- يامغۇرمۇ خېلى كۆپ بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «قاتتىق قار»، «قېلىن قار» قاتارلىق ئوخشىمىغان دەرىجىدە قار ياغدى، ئۇنداقتا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قار دەرىجىسى قانداق ئايرىلىدۇ؟ قار يېغىش مىقدارى بىلەن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار، تۆۋەندە مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ باقايلى.
جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى باش مۇتەخەسسىسى جۇ دىڭجېن مۇنداق دېدى: يامغۇر مىقدارى ۋە قار مىقدارىنى ئايرىشتا، بىزنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ مەيلى يامغۇر ياكى قار بولسۇن، ھەممىسى ھۆل- يېغىن مىقدارىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئۆلچىنىدۇ.
ھۆل- يېغىن مىقدارى قانداق ئۆلچىنىدۇ؟
ئاسماندىن يەر يۈزىگە چۈشكەن سۇيۇق ياكى قاتتىق ھالەتتىكى (ئېرىتىلگەندىن كېيىن) سۇنىڭ ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ گورىزونتال يۈزىدە جۇغلانغان چوڭقۇرلۇقى ئاساس قىلىنىدۇ، مىللىمېتىر بىرلىك قىلىنىدۇ.
جەنۇب بىلەن شىمالدا قارنىڭ نەملىكى ئوخشىمايدىغانلىقى، شىمالدا قۇرۇق قار كۆپ ياغىدىغان، جەنۇبتا ھۆل قار كۆپ ياغىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمالغا نىسبەتەن 8 مىللىمېتىردىن 10 مىللىمېتىرغىچە قېلىنلىقتا يىغىلغان قار بىر مىللىمېتىر ھۆل- يېغىن مىقدارىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، جەنۇبقا نىسبەتەن 6 مىللىمېتىردىن 8 مىللىمېتىرغىچە قېلىنلىقتا يىغىلغان قار بىر مىللىمېتىر ھۆل- يېغىن مىقدارىنى ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)