تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلايدۇ
16:40:58 2024-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭدا يەنە ئىككى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى پات ئارىدا تىجارەت باشلايدۇ!

 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدىكەن. 

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىجارەت باشلانغان كۈنى، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن ئىككىنى ھەمدە 2- نومۇرلۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولى، قار تېيىلىش چاقى يولىنى ئاچىدىكەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سىناق تەرىقىسىدە تېيىلىشنى يولغا قويىدۇ، سىناق تەرىقىسىدە تېيىلىش پائالىيىتى پەقەت نەق مەيداندا بېلەت سېتىۋېلىش ياكى ھۆكۈمەت تەرەپ ئاممىۋى نومۇرى سودا شەھەرچىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىلىدۇ. 

2023- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى، ساياھەتچىلەر تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا. خې لۇڭ فوتوسى

 خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭى قار پەسلىدە، تىيانشان تېغى بۇغدا كۆلى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى مۇز مەيدانى، چىراغ نۇرى قار مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىپ، ئاتا- ئانىلار، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، قارلىق دالا موتوسىكلىت يولى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىدىكەن، يەنە قارلىق دالا خوگوسى، يۈك ساندۇقى شەكلىدىكى قەھۋەخانا قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە قىشلىق مەززىلىك تائاملار بايرىمى، يېڭى يىل كېچىسى مۇزىكا بايرىمى ھەم تۈرلۈك چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن.

 بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ نارات دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت رايونى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، نارات قېيىنساي چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى ئېچىلىدىكەن.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن، 11- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت سىناق تېيىلىش مەزگىلى بولىدىكەن، بۇ مەزگىلدە چاڭغا تېيىلغاندا، مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى، دەريا ۋادىسىدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بېلىتى، چاڭغا تېيىلىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.

 نارات قېيىنساي چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى نارات مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك 4S چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. 1- قارارلىق (قۇرۇلۇپ بولغان) ۋە 2- قارارلىق (قۇرۇلۇۋاتقان) چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ كۆلىمى 31.38 گېكتار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى 14 چاڭغا تېيىلىش يولى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دەسلەپكى دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن ئۈچى، ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن يەتتىسى، ئالىي دەرىجىلىكلەر چاڭغا تېيىلىش يولىدىن تۆتى بار، بۇلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 13 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125