U16 دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ھەبىبۇللا قاتارلىق شىنجاڭلىق بەش توپچى تاللاندى
16:35:39 2024-11-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسى چاڭشا شەھىرىدە كەسكىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى U16 دۆلەت كوماندىسىنىڭ يېڭى بىر قارارلىق يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان ھەبىبۇللا نۇراجى، ئېھسان ئىلھام، ئېرپان ئابدۇراخمان، بۇنيامىن ئابدۇسالام، ئەلنەزەر لوقمان قاتارلىق شىنجاڭلىق بەش توپچى تاللاندى.

 قەشقەردە تۇغۇلغان ھەبىبۇللا چېڭدۇ رۇڭچېڭ پۇتبول كۇلۇبىدا توپ ئوينايدۇ، ئۇمۇ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان يېشى ئەڭ كىچىك توپچى بولۇپ، ئاران 15 ياش. ئۇ دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىدىكى تېخنىكىسى ئەڭ ياخشى توپچىلارنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى U17 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، ئالدى ھۇجۇمچى ئورنىدا تۇرغاندا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، كۆپ توپ كىرگۈزگەنىدى.

ھەبىبۇللا كورېيە كوماندىسى توپچىلىرى بىلەن ئېلىشىشتا روشەن تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. سۈرەت: شىنخۇا ئاگېنتلىقى

 ۋاراتار ئېھسان بىلەن ھەبىبۇللا كىچىكىدىن قەشقەر پامىر پۇتبول كۇلۇبىدا مەشىق قىلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە شەندۇڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىدا توپ ئوينىماقتا. بۇ يىل 16 ياشقا كىرگەن ئېھساننىڭ ئىككى قولىنى كېرىپ تۇرغاندىكى ھالىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، گەۋدىلىك بەدەن ساپاسى ۋە ياخشى پۇت ماھارىتىگە ئىگە. ھۇجۇم قىلىشقا ماھىر ئۇ دۆلەت ئىچىدە ئاز ئۇچرايدىغان ھۇجۇمچى تىپىدىكى ۋاراتار.

 ئېرپان غۇلجا شەھىرىدىن بولۇپ، بۇ قېتىم جېجياڭ U18 ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق، 16 ياشلىق ئۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلۈش تىزىملىكىگە كىردى.

 شايار ناھىيەسىدىن كەلگەن ئەلنەزەر بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن بۇنيامىن ئوخشاشلا 16 ياشتا بولۇپ، ئىككىلىسى ئوخشاشلا خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان. ئەلنەزەر شىنجاڭ U18 ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 16 ياشلىق ئەلنەزەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.88 مېتىر، مۇداپىئە دائىرىسى چوڭ، پۇت ماھارىتى قالتىس، ئوتتۇرا مۇداپىئەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئارقا مۇداپىئە تايانچىسى.

 بۇنيامىن سەككىز يېشىدىلا گۇاڭجوۋ خېڭدا پۇتبول مەكتىپىگە تاللانغان بولۇپ، ھازىر دۆلەت ياش- ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ قالدى.

ئەڭ يېڭى بىر قارارلىق U16 دۆلەت ياشلار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭلىق بەش توپچى تاللاندى. سۈرەت: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى باشقۇرغۇچى تورى

 تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش- ئۆسمۈرلەر ئۈچ چوڭ توپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 16 كوماندا ئىچىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىكىلەردىن باشقا، يەنە شىنجاڭلىق 13 توپچى لياۋنىڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، سىچۇەن، شەنشى قاتارلىق ئالتە كوماندىغا تارقالغان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125