باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى سەھنىسىگە چىققان يېڭىسار «مۈشۈكئېيىق قوي»ىنىڭ سانى 30 مىڭ تۇياققا يەتتى
12:10:10 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

 «ۋاي- ۋۇي، قورسىقىڭلار ئاچتىمۇ، ھازىرلا تامىقىڭلارنى بېرەي». 11- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەتىگەندە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلە يېزىسى نوربېشى بىنام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرمەمەت بارات ئادەتتىكىگە ئوخشاش قوتانغا كىرىپ كەلدى، قويلار ئۇنى كۆرۈپ بەس- بەستە مەرەپ كەتتى.

 نۇرمەمەت بىر تەرەپتىن ئۇلارغا گەپ قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ھارۋىنى ئىتتىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ئوت- سامان باستى.

 نۇرمەمەت باققان قوينىڭ ئىسمى نوۋېشى قويى بولۇپ، كۆزىنىڭ چۆرىسى، قۇلىقى، ئاغزى، تۇيىقى قارا، تۇرقى مۈشۈكئېيىققا بەك ئوخشايدۇ، شۇ جايدىكى پۇقرالار ئۇلارنى «مۈشۈكئېيىق قوي» دەپ ئاتايدۇ. «مۈشۈكئېيىق قوي» يىرىك يەم- خەشەك بىلەن بېقىلىدۇ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، گۆشى يۇمران بولۇپ، شۇ جايدا 400 يىلدىن ئارتۇق بېقىش تارىخىغا ئىگە.

نوۋېشى قويى (ماتېرىيال سۈرەت). جاۋ جىڭ فوتوسى

 بىراق، ئىلگىرى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى تۆۋەن، باقمىچىلىق ئۇسۇلى يىرىك بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇ يەرلىك سورتنىڭ سانى ئىزچىل مۇقىم بولمىغان، بۇلتۇر ئاران 20 مىڭ تۇياقتىن ئاشاتتى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇ بولدىكى، بۇ يىل 2- ئايدا، «مۈشۈكئېيىق قوي» مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانى سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، بىردىنلا «داڭقى» چىقتى.

 «كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ ئوماق تۇرقىنى ياقتۇرۇپ قالدى، مەسلىھەت سورايدىغانلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى، ماڭا پۇرسەت كەلدى دەپ ئويلىدىم»، دېدى نۇرمەمەت.

 ئەسلىدە، نۇرمەمەت ئاساسلىق كالا باقاتتى، شامال يۆنىلىشىنى ھېس قىلغان ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ئۆيىدىكى كالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېتىپ، 30 تۇياق «مۈشۈكئېيىق قوي» سېتىۋالدى، كۆڭۈل قويۇپ بېقىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە «مۈشۈكئېيىق قوي»ىنىڭ سانىنى 50 تۇياققا يەتكۈزدى.

 «مۈشۈكئېيىق قوي» سورتىنى قوغداش، شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرمەمەتكە ئوخشاش باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش ئۈچۈن، نوربېشى بىنام كەنتى ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ «مۈشۈكئېيىق قوي» تەتقىقات مەركىزى قۇرۇپ، تېخنىكا كوللېكتىپىنى بارلىققا كەلتۈردى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنتنىڭ نەسىللىك كۆپەيتىش مەركىزىگە كىرىشىنى قوللاپ، ئۇلارنى مەبلەغ، يەم- خەشەك، تېخنىكا، قوزا قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىدى؛ باقمىچىلىق كارخانىلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن باقمىچىلىق، سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ...

 «يالغۇز بىزنىڭ كەنتلا ئەمەس، باشقا كەنتلەرمۇ كەنت ئاھالىلىرىنى <مۈشۈكئېيىق قوي> بېقىشقا ئىلھاملاندۇردى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە كارخانىنىڭ ياردىمى بولغاچقا، كۆپچىلىك خاتىرجەم باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى»، دېدى نۇرمەمەت.

 بۇ يىل، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى «مۈشۈكئېيىق قوي»نىڭ سانى 30 مىڭ تۇياققا يەتتى.

 نۇرمەمەت ئىلمىي بېقىش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تونۇشقا ئىگە بولۇپ، باقمىچىلىق سەۋىيەسى تەدرىجىي ئۆستى. «ھازىر بازاردا بۇنداق قوي ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشمەكتە. كېلەر يىلى 4- ئايدا باققان قويلىرىمنى قوتاندىن چىقىرىمەن». نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: مېنىڭ كېلەر يىللىق نىشانىم قويلارنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر سىنقانال نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئۆيدىكى بۇ ئوماقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى تورغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «مۈشۈكئېيىق قويى»غا دىققەت قىلىشقا جەلپ قىلىش.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125