بالا دىققىتىنى يىغالمىسا، جىم تۇرالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
18:07:28 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى» دېگەن نېمە؟

دىققىتىنى يىغالماسلىق كەمتۈكلۈكى، جىم تۇرۇش توسالغۇغا ئۇچراش (ADHD) بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ بالىلىق مەزگىلىدە يۈز بېرىدىغان، ئوخشاش ياشتىكى بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، دىققىتىنى يىغىشى قىيىن بولۇش، دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى قىسقا بولۇش، ھەرىكىتى زىيادە كۆپ بولۇش ياكى ھاياجانلىنىشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بىر گۇرۇپپا يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ. بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى بالىلاردا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل توسالغۇ بولۇپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتە  %5تىن %7كىچە، قىز- ئوغۇللاردىكى نىسبىتى 4:1 دىن 9:1 گىچە بولىدۇ.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبى

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، بۇ بىيولوگىيەلىك ئامىل بىلەن جەمئىيەت مۇھىتى ئامىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى. نۇرغۇن تەتقىقاتتا جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %60تىن %80كىچە بولغان ئاغرىقنىڭ بىيوئىرسىيەتشۇناسلىق ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ناچار جەمئىيەت مۇھىتى، ئائىلە مۇھىتى، مەسىلەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە زىيادە نامرات بولۇش، ئاتا- ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى بۇزۇلۇش، تەربىيەلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىك كېسىلىنىڭ ئىپادىلىنىش تۈرى

كۆپ ھاللاردىكى ئىپادىسى مۇنداق بولىدۇ: بالىلار دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالمايدۇ، دىققىتى ئاسان چېچىلىپ كېتىدۇ، دەرس ئاڭلىغاندا ھاڭۋېقىپ قالىدۇ، دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ، ھەر كۈنى يېرىم كېچىگىچە تاپشۇرۇق ئىشلىسىمۇ يەنە دائىم ئىشلەپ بولالمايدۇ؛ يەنە بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقىدىن، يا قەلەم قاپچۇقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىدىن، يا گالىستۇكىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىدىن، بالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا بالىلىرىنىڭ دائىم دىققىتى يىغالمايدىغانلىقىدىن، ئاڭلىغاندەك قىلسىمۇ، دائىم بىپەرۋالىق قىلىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ، گېپى كۆپ بولىدۇ، گەپ ئارىلايدۇ، ھەتتا ساۋاقداشلىرى بىلەن پىچىرلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، بەزى ئاتا- ئانىلار بالىلار گەپ ئاڭلىمىغاچقا، تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتىدۇ، بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ خاتالىقى بولماسلىقى مۇمكىن.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنىڭ ئىككى چوڭ يادرولۇق كېسەللىك ئالامىتى بار: دىققىتىنى يىغالماسلىق كەمتۈكلۈكى، ھەرىكىتى زىيادە بولۇش (كۆپ ھەرىكەت قىلىش) ۋە ھاياجانلىنىش. كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: دىققىتىنى يىغالماسلىق كەمتۈكلۈكى ئاساسلىق ئىپادىلىنىش تىپى، جىم تۇرالماسلىق، ھاياجانلىنىش ئاساسلىق ئىپادىلىنىش تىپى، ئارىلاشما تىپ (دىققىتىنى يىغالماسلىق كەمتۈكلۈكى بىلەن جىم تۇرالماسلىق، ھاياجانلىنىش بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ).

بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى بىلەن ئەقلىي سەۋىيەسىنىڭ روشەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتىنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامى ۋە جەمئىيەت قائىدىسىگە روشەن كاشىلا قىلغانلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، چوقۇم دىققەت قىلىڭ. نۇرغۇن تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرىنچى سەۋەب بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى ئىكەن. بۇ، بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئاندىن ئاسان بايقىلىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، شۇنداقلا نۇرغۇن بالىغا خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ. جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا باشقا پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ، شۇڭا بالدۇرراق ئارىلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك

نۆۋەتتە بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى، ئاساسلىقى، دورا بىلەن داۋالاش ۋە دورىسىز داۋالاش بولۇپ، دورىسىز داۋالاش ئۇسۇلى پىسخىكىلىق ھەرىكەتنى داۋالاش، ئائىلىدە داۋالاش، فىزىكىلىق داۋالاش، مەسىلەن، مېڭە ئېلېكتىر بىيولوگىيەلىك قايتما ئىنكاسلىق داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەش ياشقا كىرمىگەن بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالاشتا، ئاساسلىقى، دورىسىز داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بەش ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، ئاساسلىقى، دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. تەتقىقاتتا مۇنداق قارالدى: بەش ياشتىن ئاشقان بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى دورا بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىسخىكىلىق ھەرىكەت بىلەن داۋالاش، ئائىلىدە داۋالاش ياكى مېڭە ئېلېكتىر بىيولوگىيەلىك قايتما ئىنكاسلىق داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئەڭ ياخشى تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار مەركىزىي نېرۋىنى روھلاندۇرغۇچى دورىلار، نورئادرېنالىننىڭ قايتا قوبۇل قىلىنىشىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بالىلاردىكى بۆرەكنىڭ مەنپىيلىكى يېتەرلىك بولماسلىق، ئاجىز ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش، بىئارام بولۇش، يېتىلىش مەزگىلىدىكى مەنپىيلىك دائىم يېتەرلىك بولماسلىق، مۇسپىيلىك دائىم ئېشىپ قېلىش بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ مېخانىزمى ھېسابلىنىدۇ. بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىنى داۋالايدىغان جۇڭيى دورىسى ناھايىتى كۆپ، لېكىن دەلىللىك تېببىي ئىسپاتلار ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

بالىلاردىكى جىم تۇرالماسلىق كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش كېرەك، بالدۇر دوختۇرغا كۆرۈنۈش مۇھىم ھالقا.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125