مەمەت نىياز 60 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى گۆھىرىنى جۇلالاندۇردى
12:45:40 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


 تۇرپان مۇقامى ئۇزاق تارىخى ۋە قويۇق مەدەنىيەت تىندۇرمىسى بىلەن داڭلىق، پىچان ناھىيەسى لۈكچۈن بازىرىنىڭ مۇقام كەنتى بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تارقالغان جايىدۇر. كۈچلۈك سەنئەت كەيپىياتىغا تولغان بۇ زېمىندا، 77 ياشلىق مەمەت نىياز قالتىس تالانتى ۋە زور تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تۇرپان مۇقامىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋارىسىغا ئايلاندى.

مەمەت نىياز (ئوڭدىن 1- كىشى) شاگىرتلىرى بىلەن تۇرپان مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا. مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 مەمەت نىياز كىچىكىدىن باشلاپلا مۇقامغا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، مۇقامنىڭ ئۆزگىچە مېلودىيەسى ئۇنى كۈچلۈك جەلپ قىلاتتى. ياڭراق ئاۋاز ۋە كۈچلۈك رىتىم سەزگۈسىگە ئىگە مەمەت نىياز 16 يېشىدىلا شۇ جايدىكى پېشقەدەم تۇرپان مۇقاملىرى سەنئەتكارلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، سەنئەت سەپىرىنى باشلىدى. ماددىي بۇيۇم كەمچىل بولغان ئاشۇ يىللاردا، مۇزىكا نوتىسى، ئۈنگە ئېلىش ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا، ھەر بىر ناخشىنىڭ تېكىستى ۋە ئاھاڭىنى ئەستە ساقلىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. لېكىن، بۇ قىيىنچىلىقلار مەمەت نىيازنىڭ مۇقامغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە ئىنتىلىشىنى توسۇپ قالالمىدى.

 يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، مەمەت نىيازنىڭ تۇرپان مۇقاملىرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى كۈچىيىپ باردى، ئۇ ھەر كۈنى نۇرغۇن ۋاقتىنى مۇقام مەشىق قىلىشقا ئاجرىتىپ، پېشقەدەم سەنئەتكارلاردىن مۇقام ئېيتىش ماھارىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ، تۇرپان مۇقامىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى تەدرىجىي ئىگىلىدى. «ناخشا ئېيتىش سەنئەت ماھارىتىنى ئىپادىلەشلا بولۇپ قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ھېسسىياتنى يەتكۈزۈشتۇر. مۇقامنى قايتا- قايتا مەشىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرغىلى بولىدۇ»، دېدى مەمەت نىياز.

مەمەت نىياز ساتار چالماقتا. مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەمەت نىياز تۇرپان مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئورۇنلاشقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت- سەنئەت ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى ھەمدە «ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي دەرىجىلىك خەلق ئىچى سەنئەتكارى»، «تۇرپان مۇقامىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 2006- يىلى لۈكچۈن بازارلىق مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇلغاندا، يېشى 50كە يېقىنلىشىپ قالغان مەمەت نىياز بۇ مەركەزنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، تۇرپان مۇقامىنى يىغىش، رەتلەش، قوغداش خىزمىتىنى باشلىدى. نۇرغۇن قېتىم ئۆمەك باشلاپ  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئويۇن قويۇپ، تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ گۈزەل مىلودىيەسىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ياڭراتتى.

 مەمەت نىياز مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بولغاچقا، بىز خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى يېزىدىن چىقىپ، مۇقام ساداسىنى تېخىمۇ يىراقلارغا يەتكۈزۈپ، تۇرپان مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلالىدۇق.

مەمەت نىياز شاگىرتى ئېلى مەمەت بىلەن بىللە. مەدىنۇر تۇرسۇن فوتوسى

 «ئىزباسار يېتىشتۈرۈش» ئۈچۈن، مەمەت نىياز تۇرپان مۇقامىنى ئەتراپتىكى كىشىلەرگە پائال ئۆگىتىپ، ۋارىسلار ۋە مۇقام ھەۋەسكارلىرىنى تەربىيەلىدى. ھازىرغىچە، ئۇ تۇرپان مۇقامىنىڭ 200دىن ئارتۇق ۋارىسىنى تەربىيەلەپ، بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقام كەنتى ئاھالىسى ئېلى مەمەت ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن لۈكچۈن بازارلىق خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى، مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقىغا ئايلاندى، ئېلى مەمەت تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئۇستازىم مەمەت نىيازنىڭ يېتەكلىشىدە نۇرغۇن ئورۇنلاش ماھارەتلىرىنى ئىگىلىدىم. كەلگۈسىدە، مەنمۇ شاگىرتلىرىم بىلەن بىللە كۆڭۈل قويۇپ مۇقام ئورۇنلاپ، تۇرپان مۇقامىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نامايان قىلىمەن.

 بۈگۈنكى كۈندە، مەمەت نىيازنىڭ يېشى چوڭىيىپ، سالامەتلىكى بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمىسىمۇ، ھۆكۈمەت ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىسىلا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ خەلق ئىچى سەنئەتكارىلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ كەلدى. 60 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈشتىكى غەيرەت - شىجائەت ۋە قىزغىن مۇھەببەت مەمەت نىيازنى تۇرپان مۇقامىنىڭ تارقاتقۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇردى. ئۇ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: مۇقام جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، مەن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ شاگىرتلارنى تەربىيەلەيمەن. تېخىمۇ كۆپ ياشنىڭ مۇقامنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىنى، مۇقام ساداسىنى تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ( مۇخبىرلار مەدىنۇر تۇرسۇن، مۇتەللىپ غوپۇر)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125