ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ) 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «مىللەتلەر ياخشى دوست بولايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تاختا ئاياغ بىلەن تېز سۈرئەتتە مۇسابىقىلىشىش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە تۇردى مۇنداق دېدى: «خەينەنلىك دوستلارنىڭ قىممەتلىك سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ كەلگىنىگە رەھمەت، شۇنداقلا خەينەنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمىز».
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن مىللەتلەر ئۇسسۇل ئۆگەنمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىر- بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلماقتا.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئەزالىرى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەكتە.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە تۇردى (ئوتتۇرىدا) خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدى.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)