يىللىق دەم ئېلىشنى يىل ئاتلاپ ئېلىشقا بولامدۇ؟ نوپۇزلۇق جاۋاب كەلدى!
14:06:16 2024-11-28 تىيانشان تورى

 2024- يىلى ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەكلا ۋاقىت قالدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يىللىق دەم ئېلىشنى ئالدىمۇ؟ يىللىق دەم ئېلىش تۈگىمىسە قانداق قىلىش كېرەك؟ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرسا، شۇ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟ خىزمەت بەك ئالدىراش، بۇ يىلقى يىللىق دەم ئېلىشنى كېلەر يىلى قوشۇپ ئېلىشقا بولامدۇ؟ بۇ مۇھىم نۇقتىلارنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

يىللىق دەم ئېلىشتا قانداق شەرتلەر بار؟

 ئۇدا خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ.

 «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي خىزمەت يىل چېكى بويىچە قانۇن بويىچە بەش كۈن (خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل بولغان، 10 يىلغا توشمىغانلار)، 10 كۈن (خىزمەت قىلغىنىغا 10 يىل بولغان، 20 يىلغا توشمىغانلار)، 15 كۈن (خىزمەت قىلغىنىغا 20 يىل بولغانلار)دىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

خىزمەت ئالماشقاندىن كېيىن، يېڭى ئورۇندا شۇ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟

 «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:

 ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى كارخانىدىن باشقا ئورۇن، ئىشچى ياللىغان يەككە سودا- سانائەتچى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىدىن ئۇدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەنلىرى مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

 «گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ <ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى>غا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا يوليورۇق سوراش جاۋاب خېتى»دە دەم ئېلىش شەرتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

 «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 2- ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئۇدا بىر يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىش»تا، چوقۇم بىر ئورۇندا بولۇش چەكلىمىسى يوق، شۇڭا، بۇ ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىر ئورۇندا ئۇدا بىر يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىدىغان ئەھۋالنىمۇ، ھەم ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇندا ئۇدا بىر يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىدىغان ئەھۋالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يىللىق دەم ئېلىشنى يىل ئاتلاپ ئېلىشقا بولامدۇ؟

 «ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»نىڭ 5- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن :

 ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەمدە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئويلىشىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

 يىللىق دەم ئېلىشنى بىر يىل ئىچىدە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ، باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىل ئاتلاپ يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، بىر يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

 ئىدارە ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسا بولىدۇ. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، تېخى دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىغا قارىتا، ئورۇن شۇ ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك مائاش كىرىمىنىڭ %300ى بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاش ھەققىنى بېرىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125