ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ چۇنخۇا، پىراكتىكانت فۇ شىنيى) 11- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون كۆچمە خادىملارنىڭ ئارخىپ مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى «توردا بېجىرىش، ئالىقاندا بېجىرىش، باشقا جايدا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئامما ئارخىپ كەسپىنى بېجىرىشتە قاتىرىمىسىمۇ بولىدىكەن، «كۆرۈشمەي، ئاز قاتراش»، «بىر نۇقتىدا ئارخىپ ساقلاش، كۆپ نۇقتىدا مۇلازىمەت قىلىش» ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئايلانغان.
ئامما شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تورى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت كىچىك پىروگىراممىسى ياكى ئەپ دېتالى ئارقىلىق، ئارخىپ ئىشلىرىنى تورىدا بېجىرىش تېز مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات چىقىرىپ بېرىش، ئارخىپ يۆتكەش خېتى چىقىرىپ بېرىش، ئارخىپ قوبۇل قىلىش ھەم ئارخىپنى يۆتكەش، ئارخىپنى ئارىيەت ئېلىپ كۆرۈش، سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى توردا بىۋاسىتە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئارخىپقا چېتىلىدىغان ئالاقىدار مۇلازىمەت ئىشلىرى، مەسىلەن، ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاش، پەرقلەندۈرۈش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش ھەم ئارخىپ كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى توردا ئالدىن كېلىشىپ، نەق مەيداندا بېجىرىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 106 ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى توردا ۋە تور سىرتىدا بېجىرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئارخىپ مۇلازىمىتى خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئارخىپ بايلىقىنى توپلايدۇ ھەمدە سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، يۇقىرى چاستوتىلىق ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقا تايىنىپ، كۆچمە خادىملارنى باشقا جايدىمۇ ئارخىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامما پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خالىغان بىر ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا بېرىپ ئارخىپ كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، كۆپ ئاپپاراتقا قاتراپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ. بېجىرىش نەتىجىسى ھەم كەسىپنىڭ بېجىرىلىش سۈرئىتى شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىدا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىنىپ، ئاممىنىڭ خەۋەردار بولۇشى ۋە سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)