شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش 6 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى
10:55:40 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە، شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 6 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

 كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت ھەم ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ. پائالىيەت باشلانغاندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسى ئىچىدە 11 مىڭ ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى، 30 مىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 41 مىڭ ئاپتوموبىل بولغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 220 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان، 3038 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغان، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 7272سى «يېڭىلانغان». كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ ئىلتىماسلار ئىستېمال بازىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە يېشىل ئىستېمال ۋە ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

 ئىستېمالچىلارنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىندا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولىنى رەسمىي ئاچتى. ئىستېمالچىلار پەقەت يۈنشەنفۇ APPسىغا چىقىپ ياردەم پۇلنى ئالسىلا، تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىن كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى بىمالال سېتىۋالالايدۇ. ھۆكۈمەت چىقارغان %15 ياكى %20 ياردەم پۇل سىياسىتى بويىچە، ھەربىر مەھسۇلاتقا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن ياردەم پۇل بېرىلىدۇ.

 سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ سودا ساھەسىدە ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىقلار بويىچە «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ياردەم پۇل مەبلىغىنى تەكشۈرۈش، ئاجرىتىش تەرتىپىنى كۈندە ئېنىقلاپ كۈندە بوغۇش، تەكشۈرۈپ دەرھال چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىمۇ سىياسەتكە پائال ئاۋاز قوشۇپ، بىر قاتار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ۋە بىر پونكىت شەكلىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى يېڭىلاش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ياردەم پۇل بېرىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ تۈرىنى 49 تۈرگە يەتكۈزدى، ھەربىر تۈرگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇل سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەنگە يەتتى. بۇ تەدبىرلەر ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، پۈتۈشۈش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

 «بىز ھازىر ھەقسىز ئۆلچەپ، ھەقسىز لايىھەلەپ، ھەقسىز ئۈنۈم سۈرىتى چىقىرىپ بېرىمىز ھەم ھەقسىز مال يەتكۈزىمىز.» شىنجاڭ سامىتې قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى ئۆي بېزەش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لىن فېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئېتىبارلار ئاساسىدا، ئىستېمالچىلار يەنە ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئەڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي پۈتۈشۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى، پۈتۈشۈش مىقدارىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ ئېشىشى %60تىن يۇقىرى بولدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125