«شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن ئالاقە قىلىپ يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكەن يىللار
11:18:46 2024-11-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن ئالاقە قىلىپ يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكەن يىللار

 ليۇ لياڭچېڭ

 30 يىل ئىلگىرى، مەن يېزىدىن ئايرىلىپ شەھەرگە بېرىپ ئىشلىدىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن يېزىلىق شائىر ئىدىم، ئاسماندىكى بۇلۇتلارغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم.

 لېكىن شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشى مېنىڭ شېئىرىيەت ھاياتىمنى ئۈزۈپ قويدى. مەن ئۆزۈمنىڭ شېئىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندە، نەسر يېزىشقا باشلىدىم. نەسر يېزىپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئەركىن- ئازادە ھېس قىلدىم. يەتتە- سەككىز يىلدەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق تۇنجى نەسرلەر توپلىمىنى يېزىپ چىقتىم. 

 «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقان ۋاقتىم 1996- يىلى 12- ئاينىڭ 13- كۈنى بولسا كېرەك، «شىنجاڭ گېزىتى»دە مېنىڭ «قانچىلىك ئۇزاق تۇرسام ئاندىن ئائىلە ھېسابلىنىدۇ» ناملىق تۇنجى نەسرىم ئېلان قىلىندى.

 «شىنجاڭ گېزىتى»دە بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەر ئېلان قىلىنسا، ئەدەبىيات چەمبىرىكىدىكى دوستلار ۋە- قوشۇمچە بەتنىڭ نۇرغۇن ئوقۇرمىنى ئوقۇيتتى، تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بولاتتى.

 كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قوشۇمچە بېتىدە يەنە «كۈندۈزدىكى كەنت» «مەڭگۈ بىر ۋاق تاماققا قەرز بولۇش» «ئەسىرلىك مۇھەببەت سۆزلىرى» قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىندى، ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپلەپ كۆچۈرۈپ بېسىلدى، نۇرغۇن نەسرىم كېيىن «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق تۇنجى نەسرلەر توپلىمىمغا كىرگۈزۈلدى.

 1999- يىلى، «بىرلا ئادەم بار كەنت» ناملىق نەسرلەر توپلىمىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، «گۈرجەكنى چۆرىدىگەن دۇنيا» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، «شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزورچىلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىپ، كەڭ تەسىر قوزغىدى.

 ئۆيۈم شىنجاڭدا، مەۋقەنى يۇرتۇمغا قويۇپ ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. ئەدەبىيات ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنى بىر تامچە سۇ، بىر تۈپ ئوت- چۆپ، بىر چىمدىم تۇپراقتىن ئورتاق ھېسسىياتقا ئىگە قىلالايدۇ، ئوخشاش قۇياش نۇرىغا بولغان قىزغىن مۇھەببەتتىن چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ، بوران ۋە تەرجىمە قىلىش ھاجەتسىز بولغان گۈل- گىياھ، قۇشلار تىلىدىن ئوخشاش بولغان سەمىمىي قەلب ئىشىكىنى ئاچىدۇ. ئۆيدىن يولغا چىقساق، بىز ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قەلب ماكانىغا يېتىپ بارالايمىز.

 شىنجاڭ ئەدىبلەرنى ئاسانلا ھاياجانغا سالىدىغان جاي، ئۇنىڭ بىپايانلىقى، ئۆزگىچىلىكى ۋە موللىقىنى يېزىق ئارقىلىق ئاسانلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. سانسىزلىغان يېزىق شىنجاڭ تۇپرىقىنى يازماقتا. تۇپراق ئادەمنىڭ ئۆزىنى يېزىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ياخشى ماقالە تاغ- دەريالارنى مەنىۋىلىككە ئىگە قىلىدۇ، گۈل- گىياھلارنى روھقا ئىگە قىلىدۇ.

 بۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىز ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراق ھەققىدىكى ئەڭ ئەسلىي چۈشەنچىلىرىنى ھېس قىلدۇق. لېكىن مېنىڭچە بۇ پەقەت باشلىنىش، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ۋەزىنلىك سۆزلەر تېخى ئالدىمىزدا.

 مۇنەۋۋەر ئەسەر ۋە ئىختىساسلىقلار يىلتىز تارتقان ۋە ئۆزىنى تەربىيەلەپ بىخ سۈرگۈزگەن تۇپراقتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تۇپراققا قايتۇرغان جاۋابى خۇددى «بېنبا»دا تىلغا ئېلىنغاندەك «ھەممىلا ئادەم 25 ياشتىكى ياشلىق باھارىدا ياشىماقتا».

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا، ھەمىشە ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ھەمراھ بولدى: «بېنبا» ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، بىز سەيزىگوۋ كەنتىدىكى مورى كۈتۈپخانىسىدا تېرىقچىلىق تۇرمۇشىنىڭ يېزىقچىلىققا بولغان تەسىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتۇق؛ «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»دىكى شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە يولغا قويغان «ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى» داڭلىق ماركا پائالىيىتىدە، مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئىلگىرى ئوقۇغان كىتابلىرىمنى ھەمبەھرىلىدىم؛ تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، بىز مۇكاپات تارقىتىش كاتتا مۇراسىمىنى بىرلىكتە كۈتمەكتىمىز...

 «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 75 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە، مېنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»گە باغلانغان رىشتىم يەنىلا داۋاملاشماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى»دىكى ھەربىر خەتنىڭ خۇددى شامالغا ئوخشاش تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەربىر قەلبكە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 (ئاپتور شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، 11- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125