ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى
17:38:55 2024-11-28 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

سېتىش خادىمى شىنجاڭ سەيدى بىيادى بايراقدار دۇكىنىدا ئىستېمالچىغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئاپتوموبىل ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى)

 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ چاۋ بىر نەچچە كۈن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.

 بۇ يىل كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەت يولغا قويۇلۇپ، ئىستېمالچىلارغا ئەمەلىي ياردەم پۇلى بېرىلىپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرىدا ھاياتىي كۈچ تېخىمۇ ئۇرغۇتۇلدى.

 مۇخبىرنىڭ ئاپتوموبىل 4S دۇكانلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا تۈرتكە بولغان، 12 جايدىكى 4S دۇكىنىنى زىيارەت قىلغاندا، توققۇز دۇكاندىكى ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30تىن %50كىچە ئاشقان.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىليۇخۇ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ سەيدى بىيادى بايراقدار دۇكىنىدا، خۇاڭ چاۋ تاللاپ سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى بويىچە 18 مىڭ يۈەن ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى.

 خۇاڭ چاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنىڭ سالمىقى زور، كونا ئاپتوموبىلنى يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيىمىزنىڭ يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئەسلىھەسى بار بولغاچقا، ناھايىتى قولايلىق بولدى.

 ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئاپتوموبىل سېتىش شىركەتلىرى كونا ئاپتوموبىللارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىگە ئاۋاز قوشۇش جەريانىدا زاۋۇت ۋە دۇكانلارنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ۋە مۇناسىپ مۇلازىمەتلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ يولغا قويدى.

 شىنجاڭ سەيدى ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش مەسئۇلى خۇ رۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، يەنە زاۋۇتنىڭ 3000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە بولغان ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، بۇ شىركەت يەنە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، خېرىدارلارنىڭ ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى يوللىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە خېرىدارلارنى نىمكەش ئاپتوموبىل سودىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 ئۈرۈمچى گوئاۋ فېڭتيەن ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىشقا مەسئۇل دىرېكتورى ما بىن مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىللىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى سىجىل ئاشتى، 10- ئايدىلا 310 ئاپتوموبىل سېتىلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40 ئاشتى».

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شياۋ پېڭفېي مۇنداق دېدى: «ئۆيۈمدە ياشانغانلار، بالىلار بار، دائىم ئۇلارنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئاپتوموبىلىمنى يەتتە كىشىلىك يېڭى ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇرماقچى بولۇۋاتىمەن».

 گۇاڭچى چۇەنچى شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو خەيتيەن مۇنداق دېدى: «بۇ شىركىتىمىزنىڭ 4S دۇكىنى بولۇپلا قالماي، يەنە زاۋۇتى ھېسابلىنىدۇ، دائىم ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ۋە ئىجازەت بېرىلگەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى سېخقا كىرىپ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى چۈشىنىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇۋاتىمىز». بۇ شىركەتمۇ ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى، زاۋۇت ۋە دۇكانلار يەنە بىر قىسىم ياردەم پۇلى بېرىش ۋە باشقا مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، ئىستېمالچىلار بۇنىڭ ھەممىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ يىل كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %46 ئاشتى.

 ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاساسلىقى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن. بىرى، «ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش ياردەم پۇلى» بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 20 مىڭ يۈەن، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يېقىلغۇ مايلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى سېتىۋالغانلارغا 15 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن.

 يەنە بىر خىلى، «ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى» بولۇپ، كونا ئاپتوموبىل ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئاپتوموبىل ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ نامىدا رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىلغان بولسا، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل (تالوندىكى باھاسى 50 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى) بولسا 18 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئاپتوموبىل يېقىلغۇ مايلىق ئاپتوموبىل (تالوندىكى باھاسى 50 مىڭ يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى) بولسا 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن، ئىستېمالچىلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ياردەم پۇلى لايىھەسىنى تاللىسا بولىدىكەن.

 ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى ئەشيا ئوبوروتى ۋە پورت باشقۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما جىڭخۇي مۇنداق دېدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ئىدارىمىز ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا قارىتا كەسپىي يېتەكچىلىك ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، كونا ئاپتوموبىللارنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل كارخانىلىرىغا قارىتا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى تاماملىشىغا قانداق ياردەم بېرىش، ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، كارخانىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

 ما جىڭخۇي مۇنداق دېدى: بىز يەنە مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى ۋە ئەرزلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى تەسىس قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پائالىيەتكە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردۇق، ئىستېمالچىلار پائالىيەت جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق. قىسمەن ئىستېمالچىلاردا ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتىنىڭ تەرتىپىنى چۈشىنەلمەسلىك، شۇنداقلا كارخانىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125