بۇ قار پەسلىدە ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قار- مۇز ساياھىتى يۈرۈشلەشكەن تۈرى − يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى شەرقىي رايون ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە تۈرى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.
مۇخبىر 11- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىگە جايلاشقان يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونى شەرقىي رايون ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ كەينى- كەينىدىن تاماملانغانلىقىنى كۆردى.
بۇ تۈرگە جەمئىي 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 80 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 30 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، نەچچە 10 مىڭ ساياھەتچىنى سىغدۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، چاڭغا تېيىلىش قاتارلىقلار بويىچە ھەر تەرەپلىمە بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى جياشى مۇنداق دېدى: «بۇ تۈر نۆۋەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ چوڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئىستىراھەت- ئارام ئېلىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ قار- مۇز ساياھىتى يۈرۈشلەشكەن تۈرى ھېسابلىنىدۇ».
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرقىي رايون ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە چاڭغا تېيىلىش تۈرىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ماركىلىق جابدۇق دۇكانلىرى ماكانلاشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال تاللىشى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ مول، كۆپ خىل خاس مەززىلىك تائاملىرىدىن باشقا، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق مەززىلىك تائام ماركىلىرى كىرگۈزۈلۈپ، داڭلىق ماركىلىق قەھۋەخانا، توردا ئالقىشلانغان تۈرلۈك خاس ئۇششاق يېمەكلىك دۇكىنى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھەرخىل تەم ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. (مۇخبىر گو جۈنگې)