كۈندە بىر رەددىيە | ھەرىكەت قىلىپ تازا ھارسا، ئۇيقۇ ياخشى بولامدۇ؟
18:29:16 2024-11-28 تىيانشان تورى

«ئۇيقۇسىزلىقتىن قورقمايمەن! ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىپ تازا چارچىسام ياخشى ئۇخلايمەن». بۇنداق قاراش ئىشەنچلىك ئەمەس! ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئادەم تېخىمۇ روھلىنىدۇ.

ھەرىكەت قىلىش ھەقىقەتەن ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما، ئۇخلاشتىن بۇرۇن جىددىي ھەرىكەت قىلىش، مەسىلەن، يۈگۈرۈش سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىپ، ئادەمنى روھلاندۇرىدۇ، ئەمما ئۇيقۇغا پايدىسىز. ئاسان ئۇيقۇسىزلىنىدىغان، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرايدىغان كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ.

ئۇخلاشتىن ئۈچ- تۆت سائەت بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق، ئامال بار ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ياكى جىددىيلەشتۈرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىق لازىم.

يەنە بىر بىلىم نۇقتىسىنى بىلىۋېلىڭ

ــــــ بىر كېچە ئۇخلىمىغاندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ئۇيقۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ؟

بىر كېچە ئۇخلىمىغاندىن كېيىن ئۇيقۇنى تولۇقلاشنىڭ بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۇيقۇنى تولۇقلاش ۋاقتىنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغاندىن كېيىن ئۇيقۇنى تولۇقلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئەسلىدىنلا قالايمىقان بولغان بىئولوگىيەلىك سائەت تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل: يېتەرلىك ئۇخلىسىلا بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئىككىنچى كۈنى كەچتىكى نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك.

«قېنىپ ئۇخلاش» دەرىجىسى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 8- 6 سائەت ئىچىدە كونترول قىلىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى، ئادىتى، ھالىتى، يېشى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇخلاش ۋاقتىغا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، كونكرېت ئۇيقۇنى قانچىلىك تولۇقلاش ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، بۇنى ئۆزىگە تايىنىپ ھېس قىلىش كېرەك.

ئۇيقۇنى تولۇقلاش ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ تەسىرىنى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيتىدۇ، لېكىن دائىم ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ساغلاملىق خەتىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە كۈندۈزدە ئۇيقۇنى تولۇقلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ساغلام جۇڭگو ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125