قومۇل بىر قاتار قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى
18:16:45 2024-11-28 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يىپەك يولىدىكى سىرلىق مەنزىلنى ئىزدەپ، قوغۇن يۇرتىنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلىش

 11- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە، 18- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ھەم 2024- يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمىدا، قومۇل ئۆزىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ھەم بىرقاتار سەمىمىي قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرنى قىزغىن تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ «يىپەك يولىدىكى سىرلىق مەنزىلنى ئىزدەپ، قوغۇن يۇرتىنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلىش»ىنى سەمىمىي قارشى ئالدى.

 قومۇلنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرى شيېچېڭ ساياھەتچىلىكى ۋە چۈنار لۈشىڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇپىدا مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتى تارقاتقان بولۇپ، 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا بېلەتنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ بېلەت ئارقىلىق مېھمانخانىدا يېتىش ئېتىبارىدىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قومۇلدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىمۇ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، قومۇل پىتېروزاۋۇر − يارداڭلىق داخەيداۋ مەنزىرە رايونىدا، ساياھەتچىلەر كىرىش بېلىتى ۋە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بېلىتى ئارقىلىق، شەرقىي دەرۋازىدىكى پىتېروزاۋۇر مېھمانسارىيىدا 7.7 ئۈلۈش ئېتىبار باھادا، خۇڭليۇتەن مېھمانسارىيىدا 7.1 ئۈلۈش ئېتىبار باھادا قونالايدۇ؛ ئاراتۆرۈك توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى قار- مۇز شادلىق باغچىسىدا ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئامما ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ ھەمدە توردا بېلەت سېتىۋېلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قومۇل تاكۆل كارىز مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ئارقىلىق، قومۇل پىتېروزاۋۇر − يارداڭلىق داخەيداۋ مەنزىرە رايونىنىڭ 20 يۈەنلىك ئېتىبار بېلىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قومۇل ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونى ساياھەت خاتىرە سۈرىتىگە چۈشۈشنى زاكاز قىلىپ سېتىۋالسا كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، مەدەنىيەت- ئىجادىيەت يۈرۈشلۈك قۇتىسى سېتىۋالسا كىرىش بېلىتىنى 5.8 ئۈلۈش ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىش قاتارلىق كۆپ خىل يۈرۈشلۈك ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

 قەشقەرلىك ساياھەتچى بۈمەريەم ئەخمەت مۇنداق دېدى: قومۇلنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمال بېلىتى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى ئېتىبارى كىشىنى بەك جەلپ قىلىدىكەن، مەن قومۇلغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا تەقەززا بولۇۋاتىمەن.

 قومۇل يارداڭلىق داخەيداۋ مەنزىرە رايونى تىجارەت باشقۇرۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋۇ چيۇيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەنزىرە رايونىمىز بىرقاتار قىشلىق ساياھەت ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىگە كۈچ قوشۇپ، مەنزىرە رايونىمىزنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، مەنزىرە رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، «يىپەك يولىدىكى سىرلىق مەنزىلنى ئىزدەش ۋە قوغۇن يۇرتىنىڭ شېرىنلىكىنى ھېس قىلىش»نى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمىز.

 قومۇل شەھىرى بۇ قېتىم يولغا قويغان قىشلىق ساياھەت بويىچە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ياتاق، مەنزىرە رايونىغا كىرىش بېلىتى، ئىستېمال بېلىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يەنە شۇ جاينىڭ خاس ساياھەت بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى مول، كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلدى. (مۇخبىر فەن كۇن) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125