شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كانبېررا، 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جاڭ جيەنخۇا، چى زىجيەن) ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى «2024 تور بىخەتەرلىكى (جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ياش چېكى)گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، 16 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكى جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ئاۋام پالاتاسى بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
ئالاقىدار بەلگىلىمە 12 ئايدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، فېيىسبۇك، X، ئىنسىتەگرەم قاتارلىق تور جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇ سۇپىلىرى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، تور جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇ شىركەتلىرى 16 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بۇ سۇپىنى ئىشلىتىشىنى توسىدىغان مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 50 مىليون ئاۋسترالىيە دوللىرى (تەخمىنەن 235 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويۇلىدىكەن، ھالبۇكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى جازالانمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇ شىركەتلىرى ئابۇنىچىلارنى يېشىنى باھالايدىغان ھۆكۈمەت كىملىكى بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلىسا بولمايدىكەن.
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس بۇنىڭدىن ئىلگىرى شۇ جايدىكى تاراتقۇلاردا ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرى جەمئىيەت ئۈنۈمى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىللە، يەنە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جەمئىيەت ئالاقە تاراتقۇلىرى زومىگەرلىك قىلمىشى، تەشۋىشلىنىش ھېسسىياتىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، يەنە تور جىنايەتچىلىرىنىڭ قورالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، «ياشلار بۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقتىن، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ- خەتىرىمۇ ئەڭ چوڭ بولۇپ قېلىۋاتىدۇ».
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)