ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار پەرىزات ئابدۇل، ساۋ خۇا) 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، مۇخبىرلار گۇما ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەق مەيدانىدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ نۆۋەتتە «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا قەدەم قويغانلىقىنى كۆردى. 11- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گىرۋەكنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەندىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئومۇمىي كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇزاق مەزگىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن ئۇزۇنلۇقى 2761 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى بەرپا قىلدى، قېپقالغان 285 كىلومېتىر بوش قالغان رايون قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى قۇم- بوراننىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭقۇر، شارائىتى ئەڭ ناچار رايونلارغا مەركەزلەشكەن.
11- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك بازىرىدىن قاغىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان يۆنىلىشتىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلەكتىكى قومۇش پەردىنى باغلاشنى تاماملىشىغا ئەگىشىپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى كۆردى. تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاشتا بوش قالغان رايوندىن نۆۋەتتە پەقەت كېرىيە ناھىيەسىدىكى تېخى تاماملانمىغان «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»لا قالدى.
گۇما ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇم- بورانلىق ھاۋارايى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ بىرى. گۇما ناھىيەسىنىڭ 65 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بوش قالغان رايوننىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك بازىرىدىن قاغىلىق ناھىيەسىگىچە بولغان يۆنىلىشتىكى بوش قالغان رايون گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«بۇ رايون ئاساسلىقى شېغىللىق چۆل بولۇپ، كۆچمە قۇم بارخانلىرىنىڭ ئارىلىقى چوڭ، ئادەتتىكى ئوت- چۆپ كاتەكچىلىرىنى ئاسانلا كۆچمە قۇم بېسىۋالىدۇ، شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تىكلىمە قۇم توسۇقى كاتەكچىسىنى تاللاپ ئىشلەتتى، بۇ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ، يەنە تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق مۇھىم ئەسلىھەلەرنى قوغدايدۇ» دېدى گۇما ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ پېيجى.
گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 13 مىڭ 700دىن ئارتۇق ماشىنا قېتىمنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 21 مىڭ 800دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمنى قاتناشتۇرۇپ، گىرۋەكنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ قەرەلىدە تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
كېرىيە ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاشتىكى «تۇتاشتۇرۇش» نۇقتىسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىغا جايلاشقان، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار سۆكسۆك، يۇلغۇن قاتارلىق كۆچەتلەرنى تىكىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن «تۇتاشتۇرۇش» نۇقتىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
«كېرىيە ناھىيەسىدىكى گىرۋىكى قاشالىنىدىغان بوش قالغان رايون 76 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ، پۈتكۈل تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بوش قالغان رايوننىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش ۋەزىپىسىنىڭ %26.6ىنى ئىگىلەيدۇ.» كېرىيە ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جيا سۇنپېڭ مۇنداق دېدى: 11- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى «تۇتاشتۇرۇش» كۈنىدە، كېرىيە ناھىيەسى 60تىن ئارتۇق كادىر، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق كۆچەت تىكىش شەكلىنى قوللىنىپ، تەكلىماكاندىكى 285 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش»قا مۇكەممەل خاتىمە بېرىدۇ.