نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈش | يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيدى، 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكنىڭ يېنىكلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى! يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى ئېلان قىلىندى
14:09:16 2024-11-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە جەمئىي 91 خىل دورا يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، بۇلار ئۆسمىگە ئىشلىتىلىدىغان دورا، دىيابېت  قاتارلىق سوزۇلما كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، تەييار جۇڭيى دورىلىرى، روھىي كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، مۇندەرىجە ئىچىدىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3159 خىلغا كۆپىيىپ، ئۆسمە، سوزۇلما كېسەل، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل، بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭغا سۆھبەت ئارقىلىق باھانى چۈشۈرۈش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش ئامىللىرى قوشۇلسا، 2025- يىلى ئاغرىقلارنىڭ 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكىنى يېنىكلىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يېڭىدىن 91 خىل دورا كۆپەيتىلدى

ئۆسمىگە ئىشلىتىلىدىغان دورا 26 

دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا 15

ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا 13 

يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان دورا 7 

تەييار جۇڭيى دورىسى 11 

روھىي كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورا 4 

باشقا ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورا 21

يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى

مۇندەرىجە ئىچىدىكى دورا ئومۇمىي سانى 3159 خىلغا كۆپەيدى

بۇنىڭ ئىچىدە

غەربچە دورا 1765 خىل، تەييار جۇڭيى دورىسى 1394 خىل، مۆلچەرلىنىشىچە 2025- يىلى ئاغرىقلارنىڭ 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يۈكى يېنىكلىتىلىدىكەن

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125