ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | ئۈرۈمچى تىيانشان رايونىدىكى 40تىن ئارتۇق كارخانا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
12:59:39 2024-11-29 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت بىر قاتار سىياسەت چىقىرىپ، جايلارنىڭ ئاپتوموبىلنى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك»كە ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق»قا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانىلارنى «يېڭىلاش» قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى 40تىن ئارتۇق كارخانا، 20دىن ئارتۇق دۇكاننى كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ تىيانشان ۋەنكې دۇكىنىدا سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يۇقىرى بولغاندا %20 ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا، داڭلىق ماركا زاۋۇتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك، كۆپ خىل تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئالقىشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا %50 چۈشۈردى.

 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يان تېلېفون، ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش، ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، ھازىر ئۆيدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان قان بېسىمنى ئۆلچەش ئەسۋابى، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچەش ئەسۋابى، قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئەسۋابى، ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىمۇ ئىستېمال ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

 تىيانشان رايونلۇق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تىيانشان رايونىدا 150 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى، ئىدارىمىز كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توكلۇق ۋېلىسىپىت، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئورگان، مەھەللە، كارخانىلارغا كىرگۈزۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا ياخشى تەشۋىق قىلىپ، سىياسەتتىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىپ، ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. (مۇخبىر ۋاڭ لىنا)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125