مەملىكەتلىك ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2025- يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، يېشى ماس كېلىدىغان ياشلار مەملىكەت بويىچە ئەسكەر قوبۇل قىلىش تورى (http://www.gfbzb.gov.cn)غا چىقىپ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا تىزىملاتسا بولىدۇ.
11- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى جىڭبېي رايونىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن.
ئالدىنقى يېرىم يىللىق چاقىرىق بويىچە تىزىملىتىش خىزمىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. كېيىنكى يېرىم يىللىق چاقىرىق بويىچە تىزىملىتىش خىزمىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق چاقىرىق بويىچە تىزىملىتىش ۋاقتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن؛ كېيىنكى يېرىم يىللىق تىزىملىتىش خىزمىتى 2025- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ، 2025- يىلى 8- ئاينىڭ 10- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى دائىرىسىدىكى يىگىتلەر: تولۇق ئوتتۇرا (ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلار (ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 18 ياشتىن 22 ياشقىچە (2003- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2007- يىل 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغانلار)؛ ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 24 ياش (2001- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)قا كېڭەيتىلگەن.
قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى دائىرىسىدىكى قىزلار: ئايال ئەسكەرلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر (ئالىي مەكتەپنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولىدىكەن. 2024- يىلى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر 2025- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا تىزىملاتسا بولىدىكەن، يېشى 23 ياش (2002- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار)قا كېڭەيتىلگەن.
ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
شۇ كۈنى داۋانچىڭ رايونلۇق خەلق قوراللىق بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس كادىرى شەن يىلۇڭ سەۋرچانلىق بىلەن تېلېفون قوبۇل قىلىپ، مەسلىھەت سورىغان كەنت ئاھالىلىرىگە ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشلىرىنى چۈشەندۈرگەن.
ھازىر ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ئېچىلغان بولۇپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. (مۇخبىر جيا مېڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ يىبو)