ئەسقەر ھەسەن 2024- يىللىق «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزغۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى
16:52:43 2024-11-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئەسقەر ھەسەن نەق مەيداندا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ قۇتقۇزۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئورتاقلاشماقتا. سۈرەت \ تارىم نېفىتلىكى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، جۇڭگو قىزىل كىرېست باش جەمئىيىتى شاڭخەيدە 2024- يىللىق «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزغۇچىنى ئىزدەش» پائالىيىتىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2024- يىللىق «ئەڭ گۈزەل 10 قۇتقۇزۇش خادىمى» ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىن ئەسقەر ھەسەن ئىسىملىككە تاللاندى.

 ئەسقەر ھەسەن تارىم نېفىتلىكى يېڭىمەھەللە نېفىت- تەبىئىي گاز ئېلىشنى باشقۇرۇش رايونىنىڭ خىزمەتچىسى. 2023- يىلى باھار بايرىمىدا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە دەم ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، يەردە 20 مىنۇتقا يېقىن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىپ يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغان بىر قىز بالىنىڭ يۈرەك- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ، ئۆزى بىلىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ، قىز بالىنىڭ ئۆز ئالدىغا نەپەس ئېلىشى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شۇنداقلا كېيىنكى كەسپىي قۇتقۇزۇش- داۋالاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرگەن.

 ئەسقەر ھەربىي ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئىزچىل خىزمەتداشلىرىنىڭ نەزەرىدىكى «ھايات لېي فېڭ»، شۇنداقلا دوستلىرىنىڭ ئاغزىدىكى خۇش مۇئامىلىلىك ئادەم. ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ 2023- يىللىق «ئەڭ گۈزەل قۇتقۇزغۇچى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125