ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرۇشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسەتكەن خىراجىتى راسچوت قىلىنىدىغان كېسەل تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ھەم سىياسەت يەشمىسى ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شىنجاڭدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىدىغان ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسەل تۈرى بەش خىلدىن ئون خىلغا كۆپەيتىلدى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بارلىق بىر تۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار داۋالايدىغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى، تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى، قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى قاتارلىق بەش خىل ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسىلىنىڭ ئالاقىدار داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ.
بۇ قېتىم كۆپەيتىلگەندىن كېيىنكى ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا بىۋاسىتە راسچوت قىلىدىغان 10 خىل ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسەل تۈرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:
1. يۇقىرى قان بېسىمى
2. دىيابېت
3. سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش
4. يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى ئامبۇلاتورىيەدە داۋالاش
5. ئەزا كۆچۈرگەندىن كېيىن يەكلەشكە قارشى داۋالاش (بۆرەك، يىلىك، يۈرەك، جىگەر، ئۆپكە، جىگەر بىلەن ئۆپكىنى كۆچۈرگەندىن كېيىن يەكلەشكە قارشى داۋالاش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)
6. سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى
7. رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى
8. تاجسىمان يۈرەك كېسىلى
9. ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى
10. قېتىۋېلىشچان ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ياللۇغى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)