11- ئاينىڭ 28- كۈنى، 11- تۈركۈمدىكى 43 نەپەر جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ كورېيەدە قېلىپ قالغان جەسەت قالدۇقى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىندى، شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن قايتۇرۇپ كېلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىز ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسەت قالدۇقى ساندۇقىنى ئىككى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆرۈنۈش كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىدە، شىنجاڭلىق يىگىت ئىليار مەمەتتۇرسۇننىڭ چىرايى يەنە بىر قېتىم نامايان بولدى.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئىليار مەمەتتۇرسۇن سەپداشلىرى بىلەن بىللە قايتۇرۇپ كېلىش ئالدىدىكى مانېۋىرغا قاتناشماقتا. (بىۋاسىتە كۆرسىتىش كەسمە سىن سۈرىتى)
بۇ قېتىمقى قايتۇرۇپ كېلىش، دەپنە قىلىش مۇراسىمىدا تاپشۇرۇۋېلىش، توشۇش ۋە ئوق ئېتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغىنى شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم لۈيى بولۇپ، ئىليار شۇ لۈنىڭ بىر جەڭچىسى، بۇ، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىپ توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
2023- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، 10- تۈركۈمدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ كورېيەدە قېلىپ قالغان جەسەت قالدۇقى دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندە، ئىليار تۇنجى قېتىم جەسەت ساندۇقى ھۆرمەت قاراۋۇللۇقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى.
2023- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئىليار تۇنجى قېتىم جەسەت ساندۇقى ھۆرمەت قاراۋۇللۇقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
بۇلتۇر ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دادىسىنىڭ ئىلگىرى خەلق ئەسكىرى بولغانلىقىنى، لېكىن پۇتى يارىلانغاچقا ھەربىي سەپكە كىرەلمىگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇنداق مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئىجرا قىلالىغانلىقىنى ناھايىتى چوڭ بۇرچ دەپ ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئەي قەھرىمانلار، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتىنىمىز زېمىنى ناھايىتى گۈزەل، ۋەتەن ئەڭ ئالىي ئىززەت- ھۆرمەت بىلەن سىلەرنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى!
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)