ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رەن خۇ) ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئادەم يارىلاندۇرۇشى، چارۋىلارغا ھۇجۇم قىلىشى، زىرائەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، دېھقان- چارۋىچىلار پەقەت مېنى نەس بېسىپتۇ، دەپ ئولتۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمامدۇ؟ ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسى مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، دېھقان- چارۋىچىلار خاتىرجەم بولدى.
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرى ئۇلاستاي كەنتىدىكى تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ يىلقىسى قوڭۇر ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، يەتتە ئېتى ئۆلگەن.بۇ قېتىم تۇرسۇن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش «مېنى نەس بېسىپتۇ» دەپ قاراپ ئولتۇرماي، تۇنجى بولۇپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلدى ھەم جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىگە دېلو مەلۇم قىلدى. 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، تۇرسۇن بۇ شىركەتنىڭ 21 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خېجىڭ ناھىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىكى ياۋايى ھايۋانلار تۈر توپىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، پائالىيەت دائىرىسى كۈنسېرى كېڭىيىپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئىقتىسادىي زىرائەتلەر زىيانغا ئۇچراش، چارۋىلار ئۆلۈش- يارىلىنىش، جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىيان سېلىش ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.
دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زىيىنىغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسى مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى ھەم ئۇنى يولغا قويدى. خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ، جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتىگە 3 مىليون يۈەنلىك ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇردى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيىنىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى سودا كوللېكتىپ سۇغۇرتا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كاڭ شۆچىن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسى ئۆي ھايۋانلىرى (قوي، كالا، ئات، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار)، زىرائەت ۋە ئادەم قاتارلىق كۆپ ئاساسىي گەۋدە، كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەم ئۆلۈش- يارىلىنىش ھادىسىسىنىڭ چېكى ھەر بىر ئادەمگە ھەر قېتىمدا 200 مىڭ يۈەن بولىدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىيىنى ئەمەلىي زىيانلانغان كۆلىمى بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ زىيىنىنىڭمۇ ئېنىق تۆلەم ئۆلچىمى بار، مەسىلەن، ھەر بىر قويغا 500 يۈەن، ھەر بىر ئاتقا 3000 يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ.
11- ئاينىڭ 11- كۈنى، جۇڭگو خەلق مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك شۆبە شىركىتى شۇ جايدىكى يەتتە ناھىيە، شەھەرنى ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنى 12 مىليون يۈەن ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان جىسمانىي تالاپەت ياكى مال- مۈلۈك زىيىنى سۇغۇرتىسى كاپالىتى تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت سۇغۇرتىلىتىش، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما نەپكە ئېرىشىشتەك تۆلەم بېرىش سۇغۇرتا مېخانىزمىنى ئورناتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىمۇ ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسى مېخانىزمىنى يولغا قويغان ئىدى.
سۇغۇرتا مېخانىزمىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ھۆكۈمەتنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم ئېلىشتا كىمنى ئىزدەش، قانداق تۆلەم بېرىشتىن ئىبارەت تارىخىي مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ياۋايى ھايۋانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانغا تۆلەم بېرىش سۇغۇرتىسى مېخانىزمىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)