ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە «باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلدۇرۇشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسەتكەن خىراجىتى راسچوت قىلىنىدىغان كېسەل تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ھەم سىياسەت يەشمىسى ئېلان قىلىندى.
«ئۇقتۇرۇش»تا ئامبۇلاتورىيەدە كۆرسەتكەن سوزۇلما ئالاھىدە كېسەل چىقىمىنى راسچوت قىلىش تەرتىپى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىش جەھەتتە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتى ھاۋالە قىلغان 2- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا ئامبۇلاتورىيە سوزۇلما ئالاھىدە كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقان جايدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى كېسەل تۈرى تەمىناتىنى بېكىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە تەلەپ بويىچە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم بېكىتىش نەتىجىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. سوزۇلما كېسەل دەپ بېكىتىلگەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملاردىن بىر يىل ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق شۇ سوزۇلما كېسەل تۈرى تەمىناتىنى ئىشلىتىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن راسچوت قىلدۇرمىغانلىرىنىڭ شۇ كېسەل تۈرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى سالاھىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىم قايتىدىن بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)