بەش ئورۇن لاياقەتسىز بولدى! شىنجاڭ بوۋاقلار ھەم بالىلار كىيىم- كېچەكلىرى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ فورمىسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى
18:01:33 2024-11-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بوۋاقلار ھەم بالىلار كىيىم- كېچەكلىرى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

 ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز مەھسۇلات ساتقان ئورۇندىن بىرى، لاياقەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇندىن تۆتى بايقالدى. ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا: ئاقسۇ جىنچياۋ (金桥) تاللا بازىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كورلا شەھىرى جيېيا (洁雅) كىيىم- كېچەك زاۋۇتى، شىنجاڭ ياپېيمۇچىڭ (雅佩木青) كىيىم- كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ يىماۋ (亿茂) توقۇلما بۇيۇملارنى ياساش چەكلىك شىركىتى، جىمىسار ناھىيەسى جياشۈەن (佳轩) سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن جەدۋەل

 ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا، بوۋاقلار ھەم بالىلار كىيىم- كېچەكلىرى سېتىلىدىغان 15 ئورۇننىڭ 30 تۈركۈم قېتىم مەھسۇلاتىدىن نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىنغان، سېتىش ئورۇنلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 10 ۋىلايەت، ئوبلاستقا چېتىلغان، مەھسۇلات بەلگىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ھەر قايسى جايلاردىكى 17 ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا چېتىلغان. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ فورمىسى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 46 ئورۇننىڭ 100 تۈركۈم قېتىم مەھسۇلاتىدىن نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان.

 بۇنىڭ ئىچىدە، بوۋاقلار ھەم بالىلار كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغان تۈرلىرى تالا مىقدارى، فورمالىن مىقدارى، pH قىممىتى، قۇرۇق ھالەتتە سۈركىلىشكە ئۇچرىغاندا رەڭ ئۆزگىرىشكە چىدامچانلىقى، نەم ھالەتتە سۈركىلىشكە ئۇچرىغاندا رەڭ ئۆزگىرىشكە چىدامچانلىقى، سۇغا چىلانغاندىن كېيىن رەڭ ئۆزگىرىشكە چىدامچانلىقى، تەر دېغىنىڭ رەڭ ئۆزگەرتىشىگە چىدامچانلىقى (كىسلاتاغا، ئىشقارغا چىداملىقى)، شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئاستىدا رەڭ ئۆزگىرىشكە چىدامچانلىقى، راك پەيدا قىلغۇچى ئاروماتىك ئامىن بوياقلىرىنى پارچىلىيالايدىغان، توقۇلما بويۇملارغا ئورنىتىلغان قوشۇمچە نەرسىلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، بوغقۇچ تەلىپى قاتارلىق 11 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لاياقەتسىز مەھسۇلات بىر تۈركۈم قېتىم بولۇپ، تالا مىقدارىنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەنگەن قىممىتى بىلەن ئېنىق كۆرسەتمىنىڭ ماس كەلمىگەنلىكى بايقالدى. ئېنىق كۆرسىتىلگەن تالا مىقدارى «%85 پاختا، %15 پولىئېستېر تالاسى» بولۇپ، ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسىدە «%100 پاختا» بولغان.

 پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125