تەكلىماكان قۇملۇقىنى «قاشالاش» قۇرۇلۇشىدىكى ئۈچ چوڭ «ئۆتكۈر قورال»
13:23:44 2024-12-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسى دۆلەت يولى شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان قاشالانغان بوش رايوندىكى تۇتاش كەتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «ئىلگىرى بوران چىقسىلا قۇم- توپا توزۇيتتى، ھازىر بوران چىقسا قۇم- توپىنى ئىھاتە ئورمىنى توسۇۋالىدۇ، بىزنىڭ ئۆيدىن يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇق بۈگۈنكى كۈندە <قۇم دېڭىزى> مەنزىرىسىگە ئايلاندى»، دېدى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مو ئېكولوگىيەلىك ئورمان بازىسىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى پەيزۇللا كېرىمۇللا مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا يىراقتىكى قۇملۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە بوش قالغان رايونلارنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «قاشالاش» ۋەزىپىسىگە چېتىلىدىغان قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش»نى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى.

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمان بازىسىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

 گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇييۆجى بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇالوۋ تېرىش بازىسى قۇملۇق توپىنى توسۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ قاغىلىق ناھىيەسى لوق يېزىسى دۆلەت يولى شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان قاشالانغان بوش رايوندىكى تۇتاش كەتكەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تورى قۇملۇقتىكى «ئالتۇن رەڭلىك لېنتا»غا ئوخشاش كۆچمە قۇم بارخانلىرىنى مۇقىملاشتۇردى؛ قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسىدا، ئاق تېرەك، توغراق ۋە جىگدە دەرەخلىرى «قول تۇتۇشۇپ» قۇم دېڭىزىنى ئايرىپ، ئادەم قۇمنى چېكىندۈرىدىغان ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

11- ئاينىڭ 26- كۈنى، لوپ ناھىيەسىدىكى بىر جايدىكى يورۇقلۇق ۋولت رېتىنىڭ ئېگىزدىن كۆرۈنۈشى.

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسىدا ئاق تېرەكنى پەرۋىش قىلماقتا.

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ خۇييۆجى بىيو پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى گۇالوۋ تېرىش بازىسىدا گۇالوۋ ئۈزمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125