شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى
18:53:59 2024-11-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك 

لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى ھەم پۈتۈن مەملىكەت تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەر- يېزا ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ۋە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ كۈچتىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇپ، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 جۇڭگو كوممۇنىسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى، يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى، ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى 11- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: 70 يىللىق شانلىق ئەنئەنىگە ئىگە تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك . پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

 يىغىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى بىرلىشىپ مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

 جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى 1954- يىلى قۇرۇلغان. 70 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى پۈتۈن جەريانلىق يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتكە يۈزلىنىپ ئۇزىراش، شەھەر- يېزا مەھەللە مۇلازىمىتىگە ھەر تەرەپلىمە يۈزلىنىپ كېڭىيىشنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال، كۆلەملەشكەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125